|
سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللېكتىپىنى پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۇرۈش، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش، ئوقۇتۇش پىلانىنى ئورۇنداش، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك قاتارلىق تەرەپلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىشتىمۇ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مۇھىم ۋاسىتە. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ خىزمىتىنىڭ رەھبىرى ۋە تەشكىللىگۈچىسى شۇنداقلا ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغۇچى.
ئوقۇتۇشتا ئاساسلىق مۇناسىۋەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلغاندىلا، ئاندىن خۇشال – خۇرام كەيپىيات ئىچىدە جانلىق ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
مىنىڭچە سىنىپ مۇدىرى تۆۋەندىكى خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى كېرەك:
1. ياخشى بولغان سىنىپ كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. سىنىپ كادىرلىرى سىنىپ خىزمىتىنىڭ يادروسى بولۇپ، بىر سىنىپنىڭ ياخشى سىنىپ ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش ياكى يېتىلدۈرەلمەسلىكى سىنىپ كادىرلىرىغىمۇ باغلىق. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كادىرلىرىغا خىزمەت تەقسىماتىنى ئېنىق بەلگىلەپ، سىنپ كادىرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىشەنچىسىنى تىكلەش كېرەك. مەسىلەن، سىنىپ باشلىقى سىنىپ خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، تۇرمۇش ھەيئىتى سىنىپ، مەيدان تازىلىقى قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش قاتارلىقلار.
2. ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتلەشنى ئاساس قىلىپ، مېھر – شەپقەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. سىنىپ مۇدىرى چوقۇم كەسىپنى قىزغىن سۆيۈشى، خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈشى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى ۋە چۈشىنىشى، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا تەلەپ قويۇشى، ئەخلاقى بىر قەدەر ناچار ئوقۇغۇچىلارغا يامان كۆز بىلەن قارىماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بولۆپ ۋە ئاسراپ ئۇلارغا تەن جازاسى بەرمەسلىكى كېرەك.
3. ئوقۇغۇچىلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇش كېرەك. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيە، ئۆگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق تەرەپلەردە چوڭقۇر چۈشىنىشى، ناچار مەسىلىلەر بايقالغان ھامان ئۇنى بىخ ھالىتىدىلا تۈگىتىشى، ئۇنىڭ قايتا سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ھەر خىل مەسىلىلەرگە نىسبەتەن سەزگۈر بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا كونترول قىلىش كېرەك.
4. سىنىپ مۇدىرى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىنىپ مۇدىرى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قەتئىي، كەسكىن بولۇش، كۆپلەپ ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىش كېرەك. سىنىپ مۇدىرى بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلىشى كېرەك: ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەربىيىنى ماس قەدەمدە بېرىش، ئائىلە زىيارىتى قىلىش، ئائىلە سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىشى كېرەك؛ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك؛ تەقدىرلەشنى ئاساس قىلىش، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك؛ ئەستايىدىل، سەۋر – تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارغا قايتا – قايتا تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى تەدرىجىي ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك.
|