باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
قەشقەر ۋىلايىتىدىن 220 نەپەر نامرات مىيىپ ئۆسمۈر جوڭگو مىيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلدىن بەھرىمان بولىدۇ
2008- 08- 15 15:02 تەڭرىتاغ تورى

       ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، مەرھابا ئېزىزلار خەۋىرى ، فوتوسى : قەشقەر ۋىلايەتلىك مىيىپلار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ۋىلايەتلىك ئەما ، گاس – گاچىلار مەكتىپىدىكى 220 نەپەر نامرات مېيىپ ئۆسمۈر لاتارىيە جامائەت فوندى بىلەن جوڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ ئوقۇش ياردىم پۇلىدىن بەھرىمان بولىدىكەن.
       مائارىپ نازارىتى بۇ تۈرنى مېيىپ ئۆسمۈر بالىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي موھىت يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش شارائىتىغا ئىگە قىلىپ ، مېيپلار بىلەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى پەيدىنپەي كىچىكلىتىش ، مېيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەزگىلىدىكى ئوقۇش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ساغلام بالىلارنىڭكىگە ئوخشاش كاپالەتكە ئىگە قىلىش شۇنداقلا مېيىپ بالىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەركەز مالىيىسى لاتارىيە جامائەت فوندىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجىرتىپ ، جوڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى بىرلىكتە « مەخسۇس تۈردىكى لاتارىيە جامائەت فوندى بىلەن جوڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ ئوقۇشقا ياردىم بېرىش تۈرى » نى تەشكىللەپ يولغا قويغان بولۇپ ، بۇ تۈر يېزا ، بازارلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشۇپ تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن نامرات مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ ، ئولارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى تاماملىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان.
       قەشقەر ۋىلايىتىدىن بۇ تۈرگە كىرگەن 220 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرى 650 يۈەندىن جەمئىي 143 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىغان بولۇپ ، بۇ ياردەم پۇلى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش قۇراللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، ماتېريال پۇلى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ تۈر ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم مېيىپ ئۆسمۈر بالىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سىرتىدا قىلىپ ، ئوقۇشتىن قېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ ، مېيىپلىق سەۋەبى ۋە نامراتلىق تۈپەيلىدىن مەكتەپ سىرتىدا قالغان بىر قىسىم مېيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارتىلىدىكەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ