|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. فرانسىيە ماھىرى ئالان بېرنارد بۈگۈن ئاخىرلاشقان ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 47 سېكۇنت 20 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدال ئالدى ھەم بۇ تۈردىكى دۇنيا رېكورتىنى بۇزدى، بۇ فرانسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م دا ئېرىشكەن 2 – ئالتۇن مېدال بولۇپ، ئۇلار ئىككى كۈندە ئارقا – ئارقىدىن ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
فرانسىيە ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ئو ت م لىرىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇلار 13 – ئاۋغۇستقىچە بىرمۇ ئالتۇن مېدال ئالالماي، فرانسىيىلىك تاماشىبىنلارنى بىر ئاز تىت – تىت قىلىپ قويغانىدى. فرانسىيە ماھىرى فابىئون گېنو 13 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ 66 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە قەدىمچە چېلىشىش تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئېلىپ، فرانسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇدا بەش كۈن ئالتۇن مېدال ئالالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەنىدى. ئۇلار بۈگۈن سۇ ئۈزۈشتە يەنە بىر ئالتۇن مېدال ئېلىپ، ئالتۇن مېدال سانىنى ئىككىگە يەتكۈزدى ۋە مېدال جەدۋىلىدە 9 – ئورۇنغا ئۆتتى.
|