|
يېقىندا، تۇنجى قېتىملىق تۆمۈر يول، دېڭىز قاتنىشى ترانسپورتى بىرلەشتۈرۈلگەن خەلقئارالىق مەخسۇس پويىز باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى مەخسۇس ترانسپورت لىنىيىسىدىن يولغا چىقتى، بۇ پويىز ئۇدۇل قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ پورتىغا بېرىپ، كاسپىي دېڭىزىدا دېڭىز ترانسپورتى ئارقىلىق، ئاخىرىدا ئىراننىڭ ئانزالى (Anzali) پورتىغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىن غەربكە تۇتاشقان دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىپ، يەرلىك مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىدا يەنە بىر يېڭى يولنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىلگىرى 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پولات ماتېرىياللىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا، ئاۋۋال پويىز ئارقىلىق پولات ماتېرىياللىرىنى تيەنجىن پورتىغا تۇشۇپ، ئاندىن مالاككا دېڭىز بۇغۇزى ئارقىلىق ئايلىنىپ ئىرانغا ئاپىراتتى. بۇ قېتىم 500 توننا سىزىقلىق پولات ماتېرىيالى بېسىلغان مەخسۇس پويىز توشۇش ۋاقتىنى 50 كۈندىن 20 كۈن ئەتراپىغا قىسقارتىپلا قالماي، يەنە ھەر بىر توننا پولات ماتېرىياللىرىنى توشۇش تەننەرخىنى% 20 تىن %30 كىچە تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ يېڭى يول ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى كاسپىي دېڭىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش ئاسان بولىدۇ ھەمدە ئېكىسپورتنى پارس قولتۇقىغا كېڭەيتكىلى بولىدۇ.
|