|
.روسىيە مىكويان ئايروپىلان ياساش شىركىتى تۈنۈگۈن، ئۆزلىرىنىڭ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى بىر تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغانلىقى ھەمدە پىرۇ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مىكويان 29 بەلگىلىك19 ئايروپىلانىنى رىمونت قىلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
·پاكىستان زۇڭتۇڭى مۇشەررەف ۋە پاكىستان زۇڭلىسى گىللانى 14 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن پاكىستان مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ، نۆۋەتتىكى كىرىزىس ۋە رىقابەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى.
·گېرمانىيە فېدىراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 14 – ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئائىلە ئىستېمالى ۋە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل 2– پەسىلدە، گېرمانىيە ئىقتىسادى 1– پەسىلدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلىدى. بۇ— 2004–يىلى 3–پەسىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تۆۋەنلەش ھىساپلىنىدۇ ›› .
·فېلىپپىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىدىكى بىر ئەمەلدار 14 – ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن جەنۇبىي قىسىمدىكى ئىسلام ئۆكتىچى ئارمىيىسىنىڭ 5 كۈنگە يېقىن داۋاملاشقان توقۇنۇشى ۋاقتىنچە پەسەيدى. ئۇرۇش سەۋەپلىك يۇرت–ماكانلىرىدىن ئايرىلغان 16 مىڭ ئاھالە يۇرت–ماكانلىرىغا قايتىشقا باشلىدى. ئەمما، چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىسلام ئۆكتىچى قوشۇنىنىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشقا يۈزلەندى. بۇ خىل ئەھۋال كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە داۋاملىشىپ، بىخەتەرلىككە تەھدىت يەتكۈزۈشى مۇمكىن›› .
·ياپونىيە ئەمگەك ۋازارىتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى 14 – ئاۋغۇست ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، كۆكتات ۋە مېۋە–چىۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ ياپىلاق ئېپىتېلىيە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆكتات ۋە مېۋە– چىۋىلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن.
·كېنىيە ۋە ئامېرىكېدىكى تەتقىقاتچىلار بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، كەلگۈسى نەچچە 10 يىل ئىچىدە، كېنىيە يەر شارى كېلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بۇ دۆلەتنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى مۇھىت بېسىمى تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
.‹‹ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى›› تور پونكىتىنىڭ 14 – ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 6–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ياپونىيىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان 9 خىل ئېلىكتىرونلۇق پۇل كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 100 مىليون 220 مىڭ پارچىغا يەتكەن بولۇپ، ياپونىيە ئادەم بېشىغا بىردىن ئېلىكتىرون پۇل كارتىسى بولۇش دەۋرىگە كىرگەن.
·خوندۇراس سەھىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق ماتىرىياللارغا قارىغاندا، بۇ يىل 1– ئايدىن 8– ئايغىچە، خوندۇراستىكى دېنگىر قىزىتمىسى ۋە ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيگەن.
|