|
خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئارگېنتىنانىڭ جامائەت زايومىغا قارىتا تۆكمە قىلىپ سېتىش كۆرۈلۈپ ، زايوم باھاسى سىجىل تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ۋاقتى توشىدىغان زايوملارنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ھەمدە زايوم ئۆسۈمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىشنى قارار قىلدى.
ئارگېنتىنا ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش مىنىستىرى سېرجىئو ماسسا، ئىقتىساد مىنىستىرى كارلوس فېرناندىس ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقى مارتىن رېدلودلار مۇشۇ ئاينىڭ 10–كۈنى جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئارگېنتىنا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا كۆرۈلگەن زور داۋالغۇشقا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى ھەمدە زايوم بازىرىغا ئارىلىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى 18 ئاي ئىچىدە ۋاقتى توشىدىغان جامائەت زايومىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى.
ئارگېنتىنا ئىقتىساد مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئارگېنتىنا جامائەت زايومىنىڭ باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلىشى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان بۇ دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى بىلەن پۈتۈنلەي قارمۇ– قارشى ھالەتتە بولۇپ، نۆۋەتتە، نۇرغۇن زايوملارنىڭ باھاسى بولۇشقا تىگىشلىك قىممىتىدىن تۆۋەن بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى بۇ زايوملارنى قايتۇرىۋېلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئارگېنتىنا زايومىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز قايتۇرۇشتىكى تەننەرخىنى يىنىكلىتىشنى قارار قىلدى.
ئارگېنتىنا ئىقتىساد مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان زايوملارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پىسو زايومى ۋە ئامېرىكا دوللىرى زايومى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش سودىسى ئارگېنتىنا خەلق بانكىسى قاتارلىق ئاممىۋى بانكىلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۆۋەتتە، ئارگېنتىنانىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق ھالدا سىجىل ۋە مۇقىم ئاشماقتا. تۈرلۈك مۇھىم كۆرسەتكۈچلەر ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. مەبلەغ سالغۇچىلار ئارگېنتىنانىڭ زايوم ۋە كارخانا پاي چېكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتماسلىقى كېرەك. ئارگېنتىنا ۋاقتى توشقان قەرزلەرنى تامامەن قايتۇرالايدۇ. ئارگېنتىنا يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە، خەلقئارا بازاردا كەڭ كۆلەملىك مەبلەش يۈرۈشتۈرۈشنى پىلانلىغىنى يوق.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ زايومنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش پىلانىنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىدى— مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، زايوم بازىرى ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا زور نىسبەتتە تۆۋەنلەپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت. ئەمما، بازارنىڭ بۇ تەدبىرگە بولغان ئىنكاسىنىڭ قانداق بولۇشى— كەلگۈسى بىر قانچە كۈندىكى بازار ئەھۋالىدىن مەلۇم بولىدۇ.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشنىڭ ئارگېنتىنانىڭ تاشقى سودا ئىشلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقتىن، يېقىندىن بۇيانقى خەلقئارا بازاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەنسىرىتىپ قويدى. ئۇلار، ‹‹ئەگەر ئارگېنتىنانىڭ جامائەت مالىيە قالدۇقى ۋە تاشقى سودا ئاكتىپ بالىنسى زور نىسبەتتە ئازايسا ھەتتاكى قىزىل رەقەم كۆرۈلسە، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تېز تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خەلقئارا بازاردىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى زور نىسبەتتە ئۆرلەپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ– خەتىرى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ،›› دەپ ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.
بۇ خىل قورقۇش كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ھەپتە، ئارگېنتىنانىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا بولۇپ، بۇئېنوس ئايرسس پاي چېكى بازىرىدىكى باھا كۆرسەتكۈچى %5.2 تۆۋەنلىدى. ئارگېنتىنادىكى پىسو زايومىنىڭ باھاسى %12 ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى. دۆلەتنىڭ خەۋپ – خەتەر كۆرسەتكۈچى، 2005– يىلى قەرز ئىشلىرىنى قايتا تەشكىللەش ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى.
|