باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خۇ جىنتاۋ سىنگاپور زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 08- 15 11:41 تەڭرىتاغ تورى

    


   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 15 – ئاۋغۇست ‹‹خەلق›› سارىيىدا بېيجىڭ ئو ت م نى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن سىنگاپور زۇڭتۇڭى ناتان بىلەن كۆرۈشتى.

   خۇ جىنتاۋ ناتاننىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى كۆرگىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ، سىنگاپورنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، سىنگاپور تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئولىمپىك مەيدانىدا ياخشى نەتىجە قازىنىشىنى تىلىدى. ناتان مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بەلەن بولدى، تۈرلۈك مۇسابىقىلەر تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى دوستلار بېيجىڭدا كۆڭۈللۈك پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ، ‹‹ئورتاق دۇنيا، ئورتاق ئارزۇ›› چاقىرىقىنى تولۇق نامايان قىلدى شۇنداقلا جۇڭگو تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىش ئىدىيىسىنىمۇ تولۇق گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگونىڭ ئو ت م نى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈشى پۈتكۈل ئاسىيالىقلار پەخىرلەنگىدەك ئىش.

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، جۇڭگو، سىنگاپور ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئارا تولۇقلاش كۈچى كۈچلۈك، ھازىرقى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە بىز ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشنى خالايدۇ.

   ناتان مۇنداق دېدى: سىنگاپور جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  خۇ جىنتاۋ جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، سىنگاپورنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇرغانلىقىغا، جۇڭگونى ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ناتان: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئاپەت رايونىدىكى خەلق تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ، دېدى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ