|
● دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى13–ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 7–ئايدا ، ئاپتونوم رايونىمىز بازارلىرىدا مال باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلىگەن ، سىجىل ئۆرلەپ كەلگەن يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىدە ئاستىلاش كۆرۈلگەن . ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، 7–ئايدا ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى %9 ئۆرلەپ ، ئۆرلەش دەرىجىسى 6–ئايدىكىدىن 0.9 پوئىنت تۆۋەن بولغان؛ تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھا كۆرسەتكۈچى %9.7 ئۆرلەپ ، ئۆرلەش دەرىجىسى 6–ئايدىكىدىن 0.5 پوئىنت تۆۋەن بولغان .
● ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خوڭبىن يېقىندا مۇنداق دېدى:‹‹بۇلتۇردىن بۇيان ، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر بويىچە ئاھالىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە 30 مىڭغا يېقىن كاپالەت ئوبېيكىتلىرىنىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرۈپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى تاماملىدى . مۇشۇ ئاساستا ، شەھەردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىكى ئۈچ يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدى . بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىلغىچە ، پىلانلىق ، نۇقتىلىق ، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا كاپالەت خاراكتىرىدىكى ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئادەتتىكى تاۋار ئۆيلەر ۋە تۈرلۈك كاپالەت خاراكتىرىدىكى ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ ، ئولتۇراق ئۆي بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياجنى تەدرىجىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، شەھەر ، بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق شارائىتىنى ھەقىقى ياخشىلايدۇ .
● ئۈرۈمچى شەھىرى بۇنىڭدىن كىيىن ‹‹جەنۇبنى كونترول قىلىپ، شىمالغا كېڭىيىش ، شەرققە ئۇزارتىپ ، غەربكە سىلجىش››نى شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسى قىلىپ ، ئاساسلىق شەھەر رايونىدا قۇرۇلۇش قىلىشنى كونترول قىلىپ ، قۇرۇلۇش قىلىشنى سۇ ، يەر ، قاتناش ئەۋزەللىكىگە ئىگە شەھەرنىڭ شىمالى ، شەرقىي شىمالى ۋە غەربىدىكى رايونلارغا مايىللاشتۇرىدۇ .
● سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى ئايلىنىشنى تەكشۈرۈش ئۆلچەش ، ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ خوڭرېن يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توقۇمىچىلىق بويۇملىرى ئېكسپورت كارخانىلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىققا قارىتا ، دۆلىتىمىز بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى يولغا قويىدۇ . بۇ نۆۋەتتە تەتقىق قىلىنىۋاتقان كرىدېت، مالىيە–باج ، ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلارنى يۆلەش ، قوللاش ۋە كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
● 13–ئاۋغۇست ، جۇڭگو كوكۇس تاۋلاش كەسپى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قىسمەن كوكۇس ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ، ئىستاتىستىكا قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ، 6–ئايدا كوكۇس كۆمۈرنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىنىش تەننەرخى %71.36 ؛ كوكۇسنىڭ بىرلىك ئىشلەپچىقىرىلىش تەننەرخى %64.51 ئۆرلىگەن.
● ئىگىلىنىشىچە ، 2008–يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنى ئېلان قىلىش ۋە جۇڭگو چوڭ كارخانىلار يۇقىرى قاتلاملىقلار ئۇچرىشىشى مۇشۇ ئاينىڭ 30–كۈنىدىن 31–كۈنىگىچە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى يىنچۈەندە ئۆتكۈزۈلدىكەن .
● تاموژنا باش مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 13–كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 6–ئايدا ، جۇڭگونىڭ ئېكىسپورت تاۋارلىرىنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئۆرلەپ ، ئۆرلەش دەرىجىسى 5–ئايدىكىدىن 0.7 پوئىنت يۇقىرى بولغان . ئىمپورت تاۋارلىرى باھاسى بولسا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 20.1% ئۆرلەپ ، ئۆرلەش دەرىجىسى 5–ئايدىكىدىن 0.8 پوئىنت تۆۋەنلىگەن ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان.
● جۇڭگو پولات–تۆمۈر سانائىتى كەسپى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لو بىڭشېڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پولات ماتېرىياللىرى زاكاز مال سودىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كىيىن ، يىل ئاخىرىدىن ئىلگىرى بېكىتىلىدۇ . بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ پولات ماتېرىياللىرى ئېكسپورت مىقدارى بىرىنچى پەسىلدىكىگە قارىغاندا % 36.56 كۆپ بولغانلىقتىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا ، دۆلەت ئىچى بازار باھاسىدىكى پەرق ئۈزلۈكسىز زورايغانلىقتىن ، پولات ماتېرىياللىرى ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى ئەسلىگە قايتىش خاراكتېرلىك ئازلىشى مۇمكىن .
● تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ يىل1–ئايدىن7–ئايغىچە ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاياغ كىيىم ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 16 مىليارد 547 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2؛ ئائىلە جاھازلىرى ئېكىسپورت سوممىسى 15 مىليارد 226 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، %27.2 ؛ ئويۇنچۇق ئېكسپورت سوممىسى 4 مىليارد 181 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، %2.1 ئاشقان؛ سۇلياۋ ئېكسپورت سوممىسى 8 مىليارد 333 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، %1 تۆۋەنلىگەن .
|