|
ئۈرۈمچى تامۇژنىسى يېقىندا، مېۋە – چېۋە، كۆكتات ئېكىسپورتىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس تاموژنىغا يوللاش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، رەسمىيەتلەرنى ئالدىن بېجىرىش؛ تاموژنىدىن ئۆتۈشتە يېشىل يول تەسىس قىلىپ، ساقلاش، قاچىلاش، توشۇشتىن تارتىپ چېگرىدىن چىقىرىشقىچە بولغان ھالقىلاردىكى سۈرئەتنى تېزلەتتى؛ ھەمدە ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشتە ئالدىن كېلىشىش ۋە ئالدىن يوللاش كەسپىنى يولغا قويدى. تاموژنىدىن ئۆتۈش ئىشلىرىنى ئالدىغا سۈرۈپ، مېۋە – چېۋە، كۆكتات ئېكىسپورتىنى كۆلەملەشتۈرۈش، كارخانىلاشتۇرۇش، كەسپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپ، كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش ۋە بازار كېڭىيتىشىگە ئىلھام بەردى.
|