|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوماندىسى 13 – ئاۋغۇست ئو ت م ئاياللارنىڭ كوللېكتىپ گىمناستىكا تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى چياۋ لياڭ مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوماندىسى يۇقىرى سەۋىيىسىنى جارى قىلدۇردى، ئالتۇن مېدال جۇڭگو كوماندىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك.
مۇسابىقىدىن ئىلگىرى جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ئامېرىكا كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م دە ئاياللارنىڭ كوللېكتىپ گىمناستىكا تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئېلىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ كوماندا، دەپ قارالغانىدى. لېكىن، بۈگۈنكى مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى سەۋىيىسىنى ياخشى جارى قىلدۇردى، ئامېرىكا كوماندىسىدىكى پېشقەدەم ماھىر ساكرامو لىم گىمناستىكىسى بىلەن ئەركىن گىمناستىكىدا ئارقا – ئارقىدىن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. ئاخىرىدا ئامېرىكا كوماندىسى 375. 2 نومۇرلۇق پەرق بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
مۇسابىقىدىن كېيىن چياۋ لياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئالتۇن مېدالنى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئالغىنى ھەق بولدى، لېكىن ئامېرىكا كوماندىسىدا ئىككى چوڭ سەۋەنلىك كۆرۈلدى، بۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ يېتىشىۋالمىقىمىز ھەقىقەتەن تەس، بۈگۈن بىزگە تەۋە ئەمەسكەن.
چياۋ لياڭ جۇڭگو ئاياللار گىمناستىكا كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى لۇ شەنجېننى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ ئىنتايىن تەجرىبىلىك ترېنېر ئىكەنلىكىنى، شەخسىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ياخشى دوست ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چياۋ لياڭ ئىلگىرى جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، 14 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.
ئامېرىكا گىمناستىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلدارى، ئامېرىكا گىمناستىكا كوماندىسىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م مەزگىلىدە خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل خادىمى مارشا كاللېدمۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، دەپ قارىدى. ئۇ ساكرامونىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتىپ: ‹‹باشقا ماھىرلىرىمىز سەۋىيىسىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرغانىدى، ئىككى سەۋەنلىك كۆرۈلمىگەن بولسا كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى›› دېدى.
ساكرامو سەۋەنلىكىدىن قاتتىق ئاغرىنىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىپادەمدىن رازى ئەمەس، لېكىن كوللېكتىپتىن ئىنتايىن رازى، بۈگۈن سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى››. ئۇ جۇڭگو كوماندىسىنى تەرىپلەپ: ‹‹بۈگۈنكى مۇسابىقە ھەقىقەتەن قالتىس بولدى، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى ھەيران قالدۇردى›› دېدى.
ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى لۇكىن مۇنداق دېدى: ئالتۇن مېدال ياكى كۈمۈش مېدال ئېلىشىمدىن قەتئىينەزەر، ئىنتايىن خۇش بولدۇم، بۈگۈنكى مۇسابىقىدىن رازىمەن، ئو ت م مېدالىغا ئېرىشىش كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە يەنە بىر نەچچە مېدال ئالسام دەيمەن.
|