باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم جەريانىغا ئۇدا بەش قېتىم ‹‹رازى››ئىبارىسى بىلەن باھا بەردى
2008- 08- 14 11:59 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى گىلبېرت فېللى بۈگۈن ئۇدا بەش قېتىم ‹‹رازى›› ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ، ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆتكۈزۈلۈپ بولغان بېيجىڭ ئو ت م گە باھا بەردى. ئۇ باشلىنىش مۇراسىمى، ئو ت م كەنتى، مەيدان – ساراي، قاتناش، پىدائىيلارنىڭ ئىپادىسىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى.

  فېللى مۇنداق دېدى: 8 – ئاۋغۇست ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ زور كۆلەملىك باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆردۈم. پۈتۈن جەريان ناھايىتى قالتىس، باشقۇرۇشمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. يەنە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خان جەمەتى ئەزالىرىمۇ كەلدى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى بولدى.

   ئۇ مۇنداق دېدى: تەنھەرىكەتچىلەر كەنتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن، يېمەك – ئىچمەك، ياتاق، مەيدان – سارايلارغا بارىدىغان قاتناشمۇ ياخشى ئىكەن، شۇڭا تەنھەرىكەتچىلەر ناھايىتى خۇشال.

   ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش كۈندە، نۇرغۇن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى، مەن بۇ زامانىۋى مەيدان – سارايلاردىن ناھايىتى رازى بولدۇم، بۇ مەيدان – سارايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردىن تېخىمۇ رازى بولدۇم، مۇسابىقە ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي، تەنھەرىكەتچىلەرمۇ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىسىنى جارى قىلدۇردى.

   ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ ئو ت م دە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. مەسىلەن، توگو بىلەن ھىندىستاننى ئېلىپ ئېيتساق، بۇكپېد ئافرىقىدىكى بۇ كىچىك دۆلەت ئۈچۈن ئو ت م تارىخىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى ھەم تۇلۇم قولۋاق ئارقىلىق جىددىي ئېقىندا ئەگىش تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى قارا تەنلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى. ئەرلەرنىڭ يەل مىلتىق بىلەن ئون مېتىرغا ئېتىش تۈرىدە ھىندىستانلىق مەرگەن بېندىرا 5.700 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن ھىندىستانلىقلارنىڭ قارىغا ئېتىش تارىخىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، بۇ يەنە ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى شەخسلەر تۈرىدە ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال.

   بېيجىڭ ئو ت م نىڭ قاتناش تەشكىللىشىمۇ فېللىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر نۆۋەتلىك ئو ت م دە قاتناش تەشكىلىي كومىتېتنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئەڭ قىيىن مەسىلە، شۇنداقلا ناھايىتى جاپالىق خىزمەت بولۇپ كەلگەنىدى، چۈنكى 41 مەيدان – سارايدا دۇنيا دەرىجىلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ، نۇرغۇن تەنھەرىكەتچى، ئەمەلدار ۋە مۇخبىر بۇ مەيدان – سارايلارغا بېرىپ – كېلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا قاتناشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ. بىراق، ھازىرقى خىزمەت ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بوپتۇ، بىرەرسىنىڭ ئاغرىنغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

    پىدائىيلار بىلەن ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ تەبەسسۇمىمۇ فېللىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەزىدە كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىدا بىر ئاز ئۇقۇشماسلىقلار كېلىپ چىقسىمۇ، پىدائىيلار جاپالىق ھەم ئۆزىنى بېغىشلاپ خىزمەت قىلماقتا، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار تەبەسسۇم بىلەن ئامانلىق ساقلىماقتا، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولماقتا.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ