|
دالاي گۇرۇھى يېقىندىن بۇيان قاتتىق باش قاتۇرۇپ، جۇڭگو شىزاڭ بىلەن چېگرىداش بولغان نېپالدا جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەتلەرنى پىلانلىدى. نېپال ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ئۇنسۇرلىرى كۆپ قېتىم جۇڭگونىڭ نېپالدىكى باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن باشقا، دالاي گۇرۇھى يەنە نېپالدىكى زاڭزۇ ياشلىرى – ئۆسمۈرلىرىنى يىغىپ، تەربىيىلەش باھانىسى بىلەن ئۇلارنى ھىندىستاندىكى باش شتابىغا ئېلىپ بېرىپ ئازدۇرغان.
ھىندىستاننىڭ ‹‹كېلارا ئاخبارات تورى›› 2 – ئاۋغۇست نېپال كوممۇنىستىك پارتىيىسى(ماۋزېدۇڭچىلار)نىڭ ھۆكۈمەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: دالاي گۇرۇھى نېپالنىڭ سۇلۇكۇمبۇ تاغلىق رايونىدىكى 29 ياش – ئۆسمۈرنى نېپال پايتەختى كاتماندۇغا ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنى دالاينىڭ دارىسسالامدىكى باش شتابىغا ئېلىپ بارماقچى. بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى زاڭزۇ، كىچىكى يەتتە ياش، چوڭى 14ياش.
نېپال گېزىتلىرىدە: ‹‹دالاينىڭ قوللىغۇچىلىرى نېپالنىڭ چەت، يىراق يېزىلىرىدىن بالىلارنى تۈركۈملەپ ئېلىپ كەتمەكتە››، دېيىلدى. ساجى ئىسىملىك بىر راھىب ئۇلارنى دارىسسالامغا ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇ تېخى بالىلارغا ھىندىستانغا ئوقۇغىلى بارىمىز دەڭلار، دەپ گەپ ئۆگەتكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نېپالنىڭ نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىسىدە، دالاي ھازىر نېپالدا دىنىي ئارمىيىگە ئەسكەر قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلىنغان، ئەمما دالاينىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇنى ئىنكار قىلدى. نېپالدا چىقىدىغان ‹‹كاتماندۇ پوچتىسى›› گېزىتىدە ئىيۇلدا، كاتماندۇنىڭ 190 كىلومېتىر شەرقىدىكى سانكۇۋاسابا ناھىيىسىدە، دالاي گۇرۇھى 500 چە ياشنى ‹‹دىن قوغداش ئارمىيىسى››گە قوبۇل قىلدى، قوبۇل قىلىنغانلار ئېيىغا تەخمىنەن 14 مىڭ ھىندىستان رۇپىيىسى(تەخمىنەن 2240 يۈەنگە تەڭ)ئالىدۇ، دېيىلگەن.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى شيۇڭ كۈنشىن مۇخبىرىمىزغا: ئۇلار ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى ئازدۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. دالاي ياشىنىپ قالدى، ئۇ بۇ دۇنيادىن ئۈن – تىنسىز كېتىپ قېلىشقا تەن بەرگۈسى كەلمەي، چوقۇم نۇرغۇن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئىزباسارلارنى تەربىيىلەش، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۇ ئاللىبۇرۇن كۆڭلىگە پۈككەن، دېدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|