|
پاكىستاننىڭ تۆمۈريول قاتنىشىدا دائىم ھادىسە ۋە تاسادىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ، خېلى ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىپ، نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچراپ تۇرىدۇ. 2007 – يىل 19 – دېكابىر كاراچىدىن لاھۇرغا قاتنىغان بىر پويىز سېند ئۆلكىسىدە رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 60 نەچچە كىشى قازا قىلدى، 120 نەچچە كىشى يارىلاندى. 2005 – يىل 13 – مايدا سېند ئۆلكىسىدە ئۈچ پويىز سوقۇلۇپ كېتىپ، تەخمىنەن 150 كىشى قازا قىلىپ، مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. بۇ يېقىنقى يىللاردا پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر پويىز ۋەقەسى.
تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ قالاقلىقى پاكىستان تۆمۈريولىدا ھادىسە كۆپ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب. پاكىستان تۆمۈريوللىرىنىڭ كۆپىنچىسى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرى ياسالغان. مۇتلەق كۆپ قىسىم بۆلىكى يەنىلا تاق لىنىيىلىك، رېلىس ئۆلچىمى تولۇق بىردەك ئەمەس. پاكىستان قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆمۈريول ئاپپاراتى كېلەڭسىز، باشقۇرۇشى قالايمىقان، 1950 – يىلىدىن 2004 – يىلىغىچە تۆمۈريول مۇساپىسى 12 مىڭ كىلومېتىردىن 11مىڭ 500 كىلومېتىرغا قىسقىرىدى. ھازىر پاكىستاندىكى پاراۋوز – ۋاگونلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ براك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، مالىيە كۈچى كەمچىل بولغاچقا، داۋاملىق ئىشلىتىلمەكتە. تۆمۈريول لىنىيىسى بويىدىكى سىگنال سىستېمىسى يەنىلا كونا سىگنال سىستېمىسى، تۆمۈريول كېسىپ ئۆتىدىغان نۇرغۇن جايدا ئاساسەن ‹‹توۋلاپ›› سىگنال بېرىلىدۇ، بەزىلىرىدە، ھەتتا نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئادەم يوق، بۇلار ھادىسە يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇردى.
باشقۇرۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىمۇ بىر سەۋەب. پاكىستاننىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى، قاتناش تىجارىتى ۋە ئاسراش – رېمونت قىلىشقا تۆمۈريول مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق تۆمۈريول شىركىتى مەسئۇل، مەمۇرىيەت بىلەن كارخانا ئۇزاقتىن بۇيان ئايرىۋېتىلمىگەنلىكتىن، تۆمۈريول شىركىتى يىلمۇ يىل زىيان تارتىپ، كىرىمى چىقىمىنى قامدىيالماي كەلدى، شۇڭا، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر تۆمۈريول ترانسپورتىنى ئۈزۈل – كېسىل تاۋارلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. 2006 – يىلى پاكىستاندا 30 قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمىغا تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ بىخەستىلىكى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبچى بولدى.
پاكىستان تۆمۈريول شىركىتى ھەرخىل ئايرىمخانىلارنى تەييارلىغان، پويىز ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەر ياخشى، بىلەت باھاسى ئەرزان بولسىمۇ، كۆپىنچە كىشى يەنىلا پويىزغا ئولتۇرۇشنى خالىمايدۇ. ھازىر پاكىستان تۆمۈريولىنىڭ يولۇچى توشۇش ئىقتىدارى 73 مىليون ئادەم)قېتىم(، يۈك توشۇش ئىقتىدارى ئاران 6 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، تاشيول ترانسپورتىنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن. نۇرغۇن پاكىستانلىق پاكىستان تۆمۈريولىنىڭ يولۇچى، يۈك توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى ئوبرازى ناچار بولغانلىقتىن، سەپەر قىلغاندا شارائىت يار بەرسىلا ئايروپىلان ياكى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەمما پاكىستانلىق جاۋاد ئىسىملىك بىر كىشى: پويىز بېلىتى ئەرزانراق بولغاچقا، نامراتلار كۆپىنچە يىراققا سەپەر قىلغاندا يەنىلا پويىزغا ئولتۇرۇشنى تاللايدۇ، دېدى. بولۇپمۇ پاكىستانلىقلار كۆپرەك سەپەرگە چىقىدىغان بايراملاردا ۋاگونلار ئادەم بىلەن لىق توشىدۇ، ۋاگونغا پاتمىغان يولۇچىلار ۋاگوننىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، ‹‹شەپەرەڭ پالۋان››غا ئايلىنىدۇ.
خۇشاللىنارلىقى شۇكى، پاكىستان ھۆكۈمىتى تۆمۈريول ترانسپورتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تونۇپ، تۆمۈريولنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تەدرىجىي تېزلەتتى. ھۆكۈمەت ‹‹2030 – يىللىق كەلگۈسى يىرىك پىلان››دا ‹‹تۆمۈريول ترانسپورت سىستېمىسىنى پاكىستاننىڭ ئاساسىي ترانسپورت شەكلى قىلىپ، تەدرىجىي پايدا ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› نىشانىنى بېكىتتى ۋە 2005 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە بولغان بەش مالىيە يىلىدا 1 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، تۆمۈريولنى زامانىۋىلاشتۇرماقچى بولدى. كىشىلەر بۇ پىلاننىڭ بۇرۇنراق ئەمەلىيلىشىپ، پۇقرالارغا بەخت يارىتىشىنى ئارزۇ قىلماقتا.
|