باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 08- 14 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

   . ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 12 – ئاۋغۇست ئىراننىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە تېببىي ئىلىم يادرو تەتقىقاتى مەركىزى قاتارلىق بەش شىركىتىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى، بۇنىڭدىكى سەۋەب بۇ شىركەتلەر ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قاتناشقانكەن.

   . يەمەن زۇڭتۇڭى سالىھ 12 – ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: دەلىللىنىشىچە، ‹‹بازا›› تەشكىلاتى يەمەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلانلىغان.

   .  ماۋرىتانىيىنىڭ ھەربىي ھاكىمىيىتى‹‹دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى›› 12 – ئاۋغۇست ئەمىر – پەرمان چۈشۈرۈپ، ئارمىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن ‹‹دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى›› كوللېكتىپ رەھبەرلىكى ئارقىلىق زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى بېكىتتى.

   . ياپونىيە ۋە چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى خىزمەت سۆھبىتى 13 – ئاۋغۇست سەھەردە ئاخىرلاشتى. ئىككى تەرەپ چاۋشيەننىڭ بۇ يىل كۈزدە ‹‹تۇتقۇن قىلىش›› مەسىلىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تاماملاش ۋە ياپونىيىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازاسىنى قىسمەن بىكار قىلىش ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلدى.

    .  ئامېرىكىنىڭ ئاقساراي باياناتچىسى فېرراتو 12 – ئاۋغۇست، چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانىنى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئىسىملىكىدىن ئۆچۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ