|
ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللە ئىش باشقارمىلىرىغا خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تىزىملاش ۋاقتى 13–ئاۋغۇسىت ئاخىرلاشتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى مەھەللە ئىش باشقارمىسىدىكى 500 ئىش ئورۇنغا جەمئىي 6305 ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر 5515نەپەر ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللە ئىش باشقارمىلىرىغا 500 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ ،پىلان بويىچە بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن 150 ى قوبۇل قىلىنماقچى بولغان. بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا 5515 ئادەم تىزىملاتقان . بۇ 37 : 1 نىسبەتتە بولغان. بۇ قېتىم تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى، شىمگو رايونى، تۇدۇڭخابا رايونى، داۋانچىڭ رايونى قاتارلىق رايونلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، يۇقارقى تەرتىپ بويىچە تىيانشان رايونى ئەڭ كۆپ خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، تىزىملاتقان ئادەممۇ ئەڭ كۆپ بولغان، تىزىملاتقانلار بىلەن قوبۇل قىلماقچى بولغانلارنىڭ نىسبىتى 13 : 1 بولغان، يېڭى شەھەر رايونى، شىمگو رايونىنىڭ 14 : 1 نىسبەت بولغان، سايباغ رايونىنىڭ 12 :1 نىسبەت بولغان، تۇدۇڭخابا رايونىنىڭ 13 : 1 بولغان، داۋانچىڭ رايونىنىڭ 9 : 1 نىسبەتتە بولغان.
شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسى ئەمگەك كۈچلىرىنى پىلانلاش باشقۇرۇش بۆلىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇنداق ئەسكەرتىش بېرىدۇ: ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار 14 – ئاۋغۇست ۋە 15 – ئاۋغۇست كۈنلىرى شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىۋىگە بېرىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشش كېنىشكىسىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ.
ئىگلىنىشىچە 18 – ئىيۇل سائەت 18 دە ( بېيجىڭ ۋاقتى ) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر(www.urumqi.gov.cn) تورىدىن يېزىقچە بەرگەن ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدىكەن. يۈزتۇرانە ئىمتىھان 20 – ئاۋغۇستدىن 23 – ئاۋغۇستقىچە ئېلىنىدىكەن، يۈزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى نەق مەيداندا ئېلان قىلىنىدىكەن.
|