|
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمگە(ج خ، ھەربىي، قوراللىق ساقچى قىسىم، تەنتەربىيە، سەنئەت تۈرى قاتارلىقلار) توردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 11 – ئاۋغۇست باشلانغان.
ئۈچ كۈندىن تۆت كۈنگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ تۈركۈمدە 4042 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، مەخسۇس كۇرس(ئالىي كەسپىي تېخنىكوم) تۈركۈمىگە توردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 15 – ئاۋغۇست ئەتراپىدا باشلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە توردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10 – ئاۋغۇست ئاياغلاشقان. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس بۆلىكىگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار 47مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمگە 3600ئوقۇغۇچى، 1 – تۈركۈمگە 16مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، 2 – تۈركۈمگە 21مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، 3 – تۈركۈمگە 7000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى تولۇق بولۇپ، پىلان ئىچىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى غەلىبىلىك تاماملانغان.
نۇقتىلىق تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىچكىرىدىكى 100گە يېقىن ئالىي مەكتەپكە تور ئارقىلىق 420 ئوقۇغۇچى پىلاندىن ئاشۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان. تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەبىئىي پەنلەرنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى قىلىپ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار پىلان ئىچىدە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق بولغان.
|