باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
‹‹ئىسكەندەر مائارىپ فوندى›› ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغانلارغا مەدەت بەردى
2008- 08- 14 09:42 تەڭرىتاغ تورى

       ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئادىلجان ئابدۇقادىر خەۋىرى ، فوتوسى: 13–ئاۋغۇست ، قەشقەر شەھىرىدىكى ماروژنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەككە تىجارەتچى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم 2007–يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغانلارغا تەسىس قىلغان‹‹ئىسكەندەر مائارىپ فوندى››نىڭ 2008–يىللىق تارقىتىش مۇراسىمى قەشقەر شەھەر ئۆستەڭبويى كوچا باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ، يۇقىرى نومۇر ئالغان 20 نەپەر ئوقۇغۇچى20مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىقى بولغان ئۈچ نەپەر ئوقوغۇچىمۇ 1500 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولدى.

يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار مۇكاپات پۇلى ۋە خاتىرە بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا

تۇرسۇنجان مۇكاپات بۇيۇمى ۋە مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بەرمەكتە

تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم سۆز قىلماقتا

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ