|

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىنخۇا يولىغا جايلاشقان مەلۇم بىر مېھمانساراينىڭ ئالدىغا تىزىلغان ئولىمپىك ھەيكەللىرى ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. مېھمانسارايدىكى بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مېھمانساراي خىزمەتچىلىرى دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، 50 كۋادرات مېتىر جايغا ئولىمپىكنى ئاساسىي تېما قىلغان ئولىمپىك ھەيكەللىرىنى ياساپ ، ئۈرۈمچى شەھەر كىشىلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىگەن.
|