باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچىدە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ئائىلە ۋە مەھەللىلەرگىچە كېڭەيتىلدى
2008- 08- 13 18:35 شىنجاڭ گېزىتى

    نەرسە – كېرەك سېتىۋالغاندا قايتىدىن لاتا سومكا، سېۋەتلەرگە قاچىلاش، فوسفورسىز پاراشوك ئىشلىتىش، قەغەزنىڭ ئىككىلا تەرىپىدىن پايدىلىنىش، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش، ئاشخانىدا غىزالانغاندا ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىش، تۇغقانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەندە قەغەز كۆيدۈرۈشنىڭ ئورنىغا گۈل قويۇش..... قارىماققا ئۇششاق – چۈششەك ئىشتەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئېنېرگىيە تېجەش ساۋاتلىرى ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەھەللە ۋە ئائىلىلەردە زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلدى.

   بۇ يىل 4 – ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىنى يولغا قۇيۇش لايىھىسى ماقۇللاندى، لايىھىدە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتى 11 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، ئائىلە ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشى تۇنجى قېتىم نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە بۇ لايىھىگە كىرگۈزۈلدى.

   –– ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خىزمىتىلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئېڭىغا ئايلىنىشى كېرەك، شۇندىلا ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز –– دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىر مەسئۇلى ماڭا.

   ئىگىلىشىمچە، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشتا ئائىلە، مەھەللىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتىكى مەقسەت ‹‹يېشىل تۇرمۇش مېنىڭ ئۆيۈمدە››، ‹‹ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشتا ئائىلىلەر ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىشى كېرەك›› قاتارلىق تېمىلاردىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىسى ئارىسىدا ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، مۇھىت ئاسراش قارىشىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئائىلىلەرنى ساغلام، مەدەنىيەتلىك، ئىقتىسادچىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش ھەمدە ئائىلە ئارقىلىق مەھەللىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مەھەللە ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلىشقا باشلاش ئىكەن.

   ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن مەھەللىلەر تەشۋىقات كۆزنىكى، تاختاي گېزىتى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش مەزمۇنىدىكى لوزۇنكا، شوئار، ئېلانلارنى چاپلاپ، مەھەللە ئاھالىلىرىگە تەشۋىقات ماتېرىيالى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقىنى تارقىتىپ، كۈندىلىك ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا ۋە تەشۋىق قىلىشقا باشلاپتۇ. ئاھالىلەر ئارىسىدا بايلىق تېجەش پىدائىيلىرىدىن بولۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، ئەخلەت، كېرەكسىز بۇيۇملارنى تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىش تەشەببۇس قىلىنىپتۇ. مەھەللىدە قالايمىقان ئەخلەت تۆككەن، بايلىقنى ئىسراپ قىلغان قىلمىشلارنى پاش قىلىش تاختىسى، پاش قىلىش تېلېفونى ۋە بايلىق تېجەش شەرەپ تاختىسى تەسىس قىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ نازارەتچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپتۇ.

   ئائىلە، مەھەللىلەردە يولغا قويۇلغان ھەرىكەتلەردىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى يەنە، ياشلار – ئۆسمۈرلەر، كارخانىلار، قۇرۇلۇش ساھەسى، يېزا – بازارلار، ھەربىي گازارمىلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا قانات يايدۇرۇلغان ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ھەرىكىتىنى ھەم پەن – تېخنىكا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساھەسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ھەرىكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ