|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. بېيجىڭ ئو ت م نىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسى 12 – ئاۋغۇست جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنھەرىكەت سارىيىدا باشلاندى. روسىيە كوماندىسى بۈ كۈندىكى ئىككى ئالتۇن مېدالنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئو ت م باشلانغاندىن بۇيان ئۇدا ئۈچ كۈن ئالتۇن مېدال ئالالماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بەردى. جۇڭگو ماھىرى شېڭ جياڭ بىرىنچى مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئەھۋالدا، ‹‹قايتا تاللاش›› مۇسابىقىسىدە ئارقا – ئارقىدىن رەقىبىنى يەڭگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى نەتىجىدە 5 – لىككە ئېرىشىپ، مېدالغا ئېرىشىش ئارزۇسىغا يېتەلمىدى.
2007 – يىللىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 3 – لىككە ئېرىشكەن ناچىرى مانجىيېۋا ئەرلەرنىڭ 55 كىلوگراملىقلار بويىچە قەدىمچە چېلىشىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، بۇ روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ ئو ت م دا ئېرىشكەن تۇنجى ئالتۇن مېدال. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، مانجىيېۋا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولغان ئىران ماھىرى خەمىد سۇريان بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، 1:2 نەتىجە بىلەن تەستە غەلىبە قىلدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، مانجىيېۋا ئەزەربەيجان ماھىرى روۋشان بايراموۋنى 0:2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، چېلىشىش تۈرىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، بۇ روسىيە كوماندىسى ئۈچۈن بېيجىڭ ئو ت م دىكى تۇنجى ئالتۇن مېدال بولۇپ قالدى.
مانجىيېۋا چېمپىيون بولۇپ 30 مىنۇتتىن كېيىن، سەپدىشى ئىسلامبېك ئاربىيېۋ 60 كىلوگراملىقلارنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئوخشاشلا ئەزەربەيجان ماھىرىنى يېڭىپ، روسىيە كوماندىسىنىڭ ئالتۇن مېدال سانىنى ئىككىگە يەتكۈزدى.
|