باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
كۆكتوقاي ناھىيىسى ئۈچ يىلدا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرىدۇ
2008- 08- 13 12:06 شىنجاڭ گېزىتى

   2007 – يىلى باشقا جايدا ئوقۇغان قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنى قوشقان تەقدىردىمۇ، كۆكتوقاي ناھىيىسىدە 2007 – يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش نىسبىتى% 40 كە يەتمىگەنىدى. ۋەھالەنكى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ناھىيىنىڭ ››ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار‹‹ يىغىنىدا، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇڭ دۇڭشېڭ:‹‹ئۈچ يىلدا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرىمىز!›› دەپ ۋەدە بەرگەنىدى.

   ھازىردىن باشلاپ 2010 – يىلىغىچە، قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا، كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ – يوق؟

   ‹‹ئۈچ يىلدىن كېيىن، بىز تولۇق ئوتتۇرىدا داۋاملىق ئوقۇشنى خالايدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولىمىز››، دېدى كۆكتوقاي ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ليۇ فاڭخۇەن ئىشەنچ بىلەن.  ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: كۆكتوقاي ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2005 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بىرلا ئوقۇتۇش بىناسى بار ئىدى، يىلدا ئاران تۆت، بەش سىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاچقا، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايتتى؛ 2006 – يىلى كۆكتوقاي ناھىيىسى 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن 4000 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان يېڭى ئوقۇتۇش بىناسىدىن بىرنى ھەم ئىلىم ئالماشتۇرۇش زالىدىن بىرنى سېلىپ بەردى؛ 2007 – يىلى ناھىيە يەنە مەبلەغ سېلىپ، ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن 3600 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى ۋە 300 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى سېلىپ بەردى؛ 2008 – يىلى يەنە بىر ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى كۆكتوقاي ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قورۇسىدا قۇرۇلۇشقا باشلىدى، بۇ قۇرۇلۇش 8 – ئاينىڭ ئاخىرى پۈتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆكتوقاي ناھىيىسى يەنە 350 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ بەردى.

   ‹‹ناھىيىمىز كېلەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇتۇش بىناسىدىن يەنە بىرنى سېلىپ بەرمەكچى››، دېدى ليۇ فاڭخۇەن. بۇلتۇردىن بۇيان، كۆكتوقاي ناھىيىسى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ستۇدېنتتىن 30 نى ئاشكارا قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا سەپلىدى.

   ھازىر كۆكتوقاي ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە  1227 ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، ھەر يىللىقتا توققۇز سىنىپ بار، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈچ يىلدىن كېيىن، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 2500 گە يېتىپ، ناھىيىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش تەلىپىنى تولۇق قاندۇرىدىكەن.

   كۆكتوقاي ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى: 2007 – يىلىدىن باشلاپ، كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئۈچ يىلدا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىگە سالغان مەبلىغى 40 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، 2008 – يىلى كۆكتوقاي ناھىيىسى تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن تولۇق ئوتتۇرىغا (كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە باشقا جايدا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى% 60 كە يەتكۈزىدۇ، دېدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ