باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
يېڭىسار ناھىيىسى ‹‹ ئىككى ئاساسەن›› مائارىپىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكتە
2008- 08- 13 09:00 تەڭرىتاغ تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن، ئەسقەرجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى: يېڭىسار ناھىيىسى ‹‹ئىككى ئاساسەن›› مائارىپىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى. 
     2000–يىلى بۇ ناھىيە ھەر تەرەپلىمە مەبلەغ توپلاش، تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىككى ئاساسەن›› مائارىپىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، بۇناھىيە ‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى›› نىڭ تەلىپى بويىچە ناھىيىنى بىرلىك قىلغان يېزا (بازار) مەجبۇرىيەت مائارىپىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيلىك ئورۇنغا قويدى. دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك ئۆيلەرنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشى، ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈر مەبلەغلىرىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹ئىككى ئاساسەن›› مائارىپىنى مۇستەككەملەش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇردى؛ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە قارىتا شارائىتى ياخشى بولۇش، تەرتىپلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۆز جايىدا تەربىيىلەش بىلەن سىرتقى جايلارغا ئەۋەتىپ تەربىيىلەش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى، ساپا قۇرۇلمىسىنى ئۆزستۈردى ؛ 2004–يىلدىن بۇ يىل 8–ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە 1374 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تولۇقلاپ ، ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلدى.
     يۇقىرىقى خىزمەتلەر داۋامىدا، بۇ ناھىيە يەنە خەتەرلىك سىنىپلارنى ئۆزگەرتىش مەبلىغى ۋە نامراتلارغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىدىن 22 مىليون 141 مىڭ يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيە مالىيسىدىن‹‹ئىككى ئاساسەن››مائارىپى ئۈچۈن 21 مىليون 120 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 37 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 34 مىڭ 380 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭلىدى، 50 مىڭ 279 نەپەر ئوقۇغۇچى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ چىقىرىشى ئارقىلىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مەكتەپلەرنىڭ قىياپىتىدىمۇ زور ياخشىلىنىش بارلىققا كەلتۈردى.

 ناھىيىدە ئېچىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى ‹‹ئىككى ئاساسەن››ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئىشلەش بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەشتىن كۆرۈنۈش

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ