باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
قەددى–قامىتى كېلىشكەن ئوباما ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولالامدۇ؟
2008- 08- 12 18:56 شىنجاڭ گېزىتى

   ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە ئىككى پارتىيىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر قىزىق تېما بولدى، بەزىلەر ئۆتكەن ھەپتە يەنە  ئوبامانىڭ قەددى – قامىتى بەك كېلىشكەنلىكتىن، زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يېڭىلىپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلدى. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدە مۇنداق قارالدى: نۇغۇن ئامېرىكىلىق سايلىغۇچى بەك سېمىز بولغاچقا، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى سايلام جەريانىدا يېڭى خەۋپكە دۇچار بولۇشى مۇمكىن.

   ‹‹ۋال –  سترېت كوچىسى›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: سايلىغۇچىلار يېتەرسىزلىكى بار، ئاسانلا ئېتىراپ قىلىنىدىغان نامزاتلارنى ياقتۇرىدۇ. ئوبامانىڭ قەددى – قامىتى بەك كېلىشكەن ھەم بەك ساغلام، شۇڭا سايلىغۇچىلار ئۇنى ياقتۇرماسلىقى  مۇمكىن. بەزى تەھلىلچىلەر كلىنتون زۇڭتۇڭلۇققا چىقىدىغان چاغدا ئۇنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان نەچچە پارچە سۈرەتتىكى ئاددىي – ساددا قىياپىتى سايلىغۇچىلارغا يېقىپ قالغان، دەپ قارىدى. 

   ئوباما دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇ چېكاگودىكى بىر چېنىقىش سارىيىغا ئۈچ قېتىم باردى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئوباما زادى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىۋاتامدۇ ياكى ساغلام بەدەنلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئالنى قويدى.

   ئوبامانىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىسى ئۇنىڭ تەقى – تۇرقى توغرىسىدىكى بەس – مۇنازىرىگە پىسەنت قىلمىغان بولسىمۇ، خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ماك كاين ئاق تەنلىك ئىشچىلار، شەھەر سىرتىدىكى ياشانغان ئاياللار قاتارلىق سايلىغۇچىلار ئارىسىدا ئوبامادىنمۇ بەكرەك قوللاشقا ئېرىشكەن. ئۇلار ئوباما بەك ئالاھىدىرەك كۆرۈنىدىكەن، ئادەتتىكى ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشىمايدىكەن، دەپ ئاغرىنغان.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ