باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
‹‹شىمالىي تاج›› ۋېيتنامغا ھۇجۇم قىلدى
2008- 08- 11 12:42 تەڭرىتاغ تورى

 

     تروپىك بەلباغ قارا بورىنى‹‹شىمالىي تاج›› 8–ئاۋغۇست ۋېيتنامدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ، قارا يامغۇر يېغىپ ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى .

   ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئاپەتتە 62 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ ، 39 ئادەم يوقاپ كەتكەن . قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن . بىر ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ھازىرغىچە ، ئاز دېگەندىمۇ 800 دىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .

   ۋېيتنامدا كەلكۈن ، بوران–چاپقۇن ئاپەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ . ۋېيتنام ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، 2007–يىلى تەيفېڭ بورىنى ۋە كەلكۈن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن بۇ دۆلەتتە 435 ئادەم قازا قىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن . ۋېيتنام دۆلەت گىدروگرافىك ھاۋارايى ئالدىن مەلۇمات مەركىزىنىڭ پەرىزىچە ، ‹‹لانىنا ھادىسىسى›› نىڭ تەسىرىدە ، بۇ يىل كۆپلىگەن تروپىك بەلباغ بوران–چاپقۇنلىرى ۋېيتنامغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن .     

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ