|
10 – ئاۋغۇست بېيجىڭ ئىشچىلار تەنھەرىكەت سارىيىدىكى ئو ت م نىڭ بوكس مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق 64 كىلوگراملىقلار بوكس ماھىرى مۇھەممەدتۇرسۇن چوڭ روسىيىنىڭ داڭلىق ماھىرى گېننادى كوۋاليوۋ بىلەن ئېلىشتى، ئاخىرىدا 15: 8 بىلەن يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئو ت م بوكس سەھنىسىگە تۇنجى قەدەم ئالغان شىنجاڭلىق بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ جەسۇرلۇقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ۋە رەقىبىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. كوۋاليوۋ مۇسابىقىدىن كېيىن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ماھىرلىرى ناھايىتى قەيسەر ئىكەن، بۇ مۇسابىقە تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن قىيىن بولدى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شنجاڭلىق يەنە بىر بوكس ماھىرى نىجات ھۈسەن مۇنداق دېدى: كوۋاليوۋ ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2 – لىككە ئېرىشكەن، تەجرىبىسى مول، تېخنىكىسى ئەتراپلىق بوكس ماھىرى، مۇھەممەدتۇرسۇن چوڭ مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، ماھارىتىنى خېلى ياخشى جارى قىلدۇردى.
|