باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
كورىيىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان يېڭى سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى بولامدۇ؟
2008- 08- 11 12:28 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنسىتىرلىكى يېقىندا، ‹‹ 2008 – يىللىق بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىلىرىنى چۈشىنىش›› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتىدە ‹‹ ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىش›› نىشان قىلىنغانلىقى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كورىيە زۇڭتۇڭى لې ميوڭباك ئوتتۇرىغا قويغان‹‹يادروسىزلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، چاۋشيەننىڭ ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 3 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش›› تىن ئىبارەت چاۋشيەنگە قارىتىلغان سىياسەتتىكى 3 پىرىنسىپنىڭ ‹‹ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىش›› سىياسەت نىشانىغا تەۋە بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ، لېميوڭباك ھۆكۈمىتىنىڭ كورىيە –چاۋشيەن مۇناسىۋىتى يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، جەنۇب – شىمال سۆھبىتى ۋە ئالاقىسى توختاپ قالغان ئەھۋالدا، قاتمال ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق سىياسەت جەھەتتىكى تەڭشىشى دەپ قارالغان.

   لې ميوڭباك ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ‹‹يادروسىزلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، چاۋشيەننىڭ ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 3 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش››، چاۋشيەنگە قارىتىلغان سىياسەتتىكى 3 پىرىنسىپ قىلىنىپ، چاۋشيەننىڭ يادرودىن تامامەن ۋاز كېچىشىنى، كورىيە– چاۋشيەننىڭ ھەمكارلىق، ئالاقىسىدىكى ئالدىنقى شەرت قىلىنغان ھەمدە ئەگەر چاۋشيەن ئالدىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىۋەتسە، ئۇنداقتا كورىيە چاۋشيەننىڭ 10 يىل ئىچىدە ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 3 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چاۋشيەن تەرەپ بۇ ئۈچ پىرىنسىپنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لېميوڭباك ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ چاۋشيەن بىلەن ئىمزالىغان‹‹ جەنۇب–شىمال ئورتاق خىتاپنامىسى›› ۋە ‹‹ جەنۇب– شىمال مۇناسىۋەت تەرەققىياتى شۇنداقلا تىنچ گۈللىنىش خىتاپنامىسى›› غا ئايرىم ھالدا ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان، كورىيە تەرەپ چاۋشيەن بىلەن ئىمزالىغان بىر قاتار كېلىشىملەر توغۇرسىدا قايتا ئويلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئامىللار كورىيە– چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق سۆھبەتلەرنى ئۈزۈپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن، چاۋشيەن يېرىم ئارال ۋەزىيىتى ناھايىتى جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن.

  7– ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كورىيىلىك بىر ساياھەتچى چاۋشيەن كۇمگاڭ تېغى ساياھەت رايونى ئەتراپىدىكى چاۋشيەن ھەربىي ئىشلار چەكلەنگەن رايوندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، چاۋشيەن بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىش يوللىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، كورىيە تەرەپ چاۋشيەن تەرەپكە نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى رەت قىلىنغان. چاۋشيەن – كورىيە مۇناسىۋىتىدىكى بۇ مۈشكۈل ۋەزىيەت بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېين تولۇق ئاشكارىلىنىپ، كورىيىدىكى ھەر قايسى ساھەلەرنى قاتتىق ئويغا سالغان.

    دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، كورىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا چاۋشيەنگە قارىتىلغان سىياسەتنى تەڭشەپ، ‹‹ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىش›› يېڭى تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بولۇش–بولماسلىقى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

     ئالدى بىلەن، سابىق كىم داجۇڭ  ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ كېلىشىپ ھەمكارلىشىش›› ۋە ‹‹ قۇياش نۇرى›› سىياسىتى، شۇنداقلا سابىق روخموخيۇن ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ تېنچ گۈللىنىش››تىن ئىبارەت ‹‹ كەڭ قورساقلىق قىلىش›› سىياسىتى بىلەن سىلېشتۇرغاندا، لىميوڭباك ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىش›› سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى نىشانى‹‹ئەركىن دېموكراتىيە قارىشى ئاساس قىلىنغان بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش›› تىن ئىبارەت. بۇ سىياسەت ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90–يىللىرىدىكى روخ تاۋو ھۆكۈمىتى بىلەن كىم يوڭسام ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئوتتۇرىغا قويغان كورىيىچە ئەركىن دېموكراتىيە قارىشى بىلەن ئوخشاش ئىدى. كورىيە، چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە، كىم داجۇڭ بىلەن روخموخيۇن ھۆكۈمىتى كورىيە چاشيەننىڭ ھازىرقى تۈزۈلمە ۋە تۈزۈمنى ساقلاپ قىلىپ، تىنچ ئورتاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تەكىتلىگەن. روخموخيۇن ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ‹‹ئەركىن دېموكراتىيە قارىشى ئاساس قىلىنغان بىرلىكە كەلتۈرۈش›› كە ئېنىق قارشى تۇرۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە كورىيە ئاساسلىق يېتەكچىلىك قىلغان بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭدا رىياللىق ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشى كەمچىل، دەپ قارىغان. كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى، ‹‹ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىش›› سىياسىتىدە مەقسەت قىلغان بىرلىككە كەلتۈرۈش نىشانى، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرىقلىنىدۇ، چاۋشيەننىڭ ئەركىن دېموكراتىيە قارىشى ئاساس قىلىنغان بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قۇبۇل قىلىش–قىلماسلىقى گۇمان پەيدا قىلىدۇ، دەپ ھېساپلىدى.

    بۇنىڭدىن باشقا،  كورىيىنىڭ كورىيە -چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ئايرىم ھالدا 2000– يىلى ۋە 2007–يىلى ئىمزالىغان‹‹جەنۇب– شىمال ئورتاق خىتاپنامىسى›› ۋە ‹‹ جەنۇب– شىمال مۇناسىۋەت تەرەققىياتى شۇنداقلا تىنچ تەرەققىيات خىتاپنامىسى›› گە قانداق مۇئامىلە قىلىشى نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ مەسىلىسىدىكى ئەڭ زور ئىختىلاپ بولۇپ قالغان. چاۋشيەن تەرەپ، يۇقارقى ئىككى خىتاپنامە چاۋشيەن- كورىيە مۇناسىۋىتىدىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئاساسى، دەپ قارىغان. كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتا، كورىيە تەرەپ پەقەت كىم داجۇڭ 2000– يىلى چاۋشيەنگە زىيارەتكە بېرىپ، تۇنجى قېتىم كورىيە –چاۋشيەن باشلىقلىرى ئۇچىرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ھالبۇكى، ‹‹جەنۇب– شىمال ئورتاق خىتاپنامىسى›› ۋە  روخموخيۇننىڭ 2007– يىلى 10– ئايدا، چاۋشيەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹جەنۇب– شىمال مۇناسىۋەت تەرەققىياتى شۇنداقلا تىنچ گۈللىنىش خىتاپنامىسى›› ئىمزالىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ‹‹چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى›› ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، چاۋشيەندە كورىيە خەلقى كۈتىۋاتقان ئۆزگىرىش يۈز بەرمەي تۇرۇپ، روخموخيۇن ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان كورىيە – چاۋشيەن ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى شۇنداقلا چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار بارلىق كېلىشىملەر خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، دېيىلگەن. نۆۋەتتە، كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ بۇ ئىككى خىتاپنامىنىڭ ئېلان قىلىنىش مەسىلىسىنى توغرا چۈشىنىش ياكى چۈشەنمەسلىكى— ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ھالقا.

     بۇنىڭدىن باشقا، كورىيە ھۆكۈمىتى چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتىدە ‹‹ ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىش›› يېڭى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما چاۋشيەن قەتئىي قارشى تۇرۇۋاتقان ‹‹يادروسىزلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، چاۋشيەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 3 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش›› تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ پىرىنسىپىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. كورىيىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسىي قارىشىدا تۈپ ئۆزگىرىش بولمىدى. ‹‹كورىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىت››دە، مۇشۇ ئاينىڭ 2–كۈنى ئېلان قىلنغان ماقالىدا،‹‹ كورىيە ئۆز ئالدىغا چاۋشيەنگە ئىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، نۆۋەتتە كورىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە چاۋشيەندە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىشكىنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى كەمچىل، دەپ ئوتتۇرغا قويدى. لېم يوڭباك گەرچە 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چاۋشيەن بىلەن ئومۇميۈزلۈك سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما چاۋشيەننى قانداق قىلغاندا سۆھبەتكە قاتناشتۇرۇش — ئالدى بىلەن ھەل قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى›› .

     تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:‹‹ كورىيە –چاۋشيەن سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، كورىيە ئوتتۇرىغا قويغان‹‹ ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىش›› سىياسىتى پەقەتلا بىر رامكا، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئېنىق ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى، پەقەت چاۋشيەن‹‹ ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىش›› نى ئېتىراپ قىلسىلا، ئىككى تەرەپ مۇشۇ ئاساستا مۇناسىۋىتىنى تەڭشىيەلەيدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، كورىيە – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە يەنىلا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمايدۇ.

     مۇشۇ ئاينىڭ 3–كۈنى، چاۋشيەن ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتچىسى چاۋشيەن كۇمگاڭ تېغىدا تۇرۇپ قالغان بارلىق ‹‹زۆرۈر بولمىغان››كورىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ھەربىي چېگرا سىزىقى ئارقىلىق، كۇمگاڭ تېغى رايونىغا كىرگەن كورىيىلىكلەر ۋە كورىيە ئاپتوموبىللىرىغا قارىتىلغان چەكلەش ۋە كونترول قىلشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە چاۋشيەن كۇمگاڭ تېغى ساياھەت رايونى ۋە ھەربىي ئىشلار چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يۈز بەرگەن دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىگە، كەسكىن ھەربىي ھەركەت  قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

    چاۋشيەننىڭ بۇ پوزىتسىيىسى، كورىيە تەرەپ ئەمدىلا ئوتتۇرىغا قويغان‹‹ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىش››سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتتى، شۇنداقلا كورىيە –چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىنى تېخىمۇ خۇنۇكلەشتۇرىۋەتتى. 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ