باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونىمىزدىن 5518ئوقۇغۇچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتتى
2008- 08- 11 12:27 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى خىزمىتى ئىشخانىسى 9 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008 – يىللىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 9 – ئاۋغۇست ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان، 4914 ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى، 604 خەنزۇ ئوقۇغۇچى بولۇپ جەمئىي 5518 ئوقۇغۇچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان. ئاپتونوم رايون ۋە جايلار 10 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىدىكەن. ئىمتىھان بەرگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار 10 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ ‹‹شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى››، ‹‹شىنجاڭ سىنىپى تورى››غا چىقىش ياكى 16885123 نومۇرلۇق ئۇچۇر تېلېفونىغا تېلېفون قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدىكەن.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 518 ئوقۇغۇچى كۆپ قوبۇل قىلىنغان؛ دېھقان، چارۋىچى پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %68 كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %4 پوئېنىتتىن كۆپرەك ئاشقان؛ ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىمۇ بۇلتۇرقى% 35 تىن % 40 كە ئۆسكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم ناھىيە (يېزا)لىرىدىكى ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان مىللەتلەرگە، نوپۇسى ئازراق مىللەتلەرگە داۋاملىق ئېتىبار بېرىلگەن، ‹‹خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار››، ‹‹قوش تىل تەجرىبە سىنىپى›› ئوقۇغۇچىلىرىغا مايىللاشقان.

   ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا توققۇز قېتىمدا 24 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. بۇ يىل يېڭى ئوقۇش مەسۇمىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 18 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ يىل قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرىدىكى 12 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 28 شەھەردىكى 50 مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ