باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى 3 دۆلەت ‹‹رايون مەركىزىنى›› بارلىققا كەلتۈرەلەمدۇ – يوق؟
2008- 08- 11 12:25 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋىس مۇشۇ ئاينىڭ 4– كۈنى، ۋېنسۇئېلا، برازىلىيە ۋە ئارگىنتىنا ئۆز–ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى‹‹رايون مەركىزىنى›› بارلىققا كەلتۈرۈپ، رايوننى بىر گەدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىشى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلدى. ئانازلىزچىلار، ‹‹ئىقتىساد ۋە رايون تەسىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 3 دۆلەت رايون مەركىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئەمەلىي كۈچىنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، 3 دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئىدىيىسىدە زور پەرق بولغانلىقتىن، رايون مەركىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ھەل قىلىشقا تىگىشلىك يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار››، دەپ قارىدى.     

     برازىلىيە بىلەن ئارگىنتىنا — جەنۇبىي ئامېرىكا رايونىدىكى ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلەت بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىغىندىسى، جەنۇبىي ئامېرىكا رايونى ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ۋېنسۇئېلانىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى برازىلىيە ۋە ئارگىنتىناغا يەتمىسىمۇ، ۋېنسۇئېلادىكى سولقانات ھۆكۈمەت جەنۇبىي ئامېرىكا رايونىدا يۇقىرى سىياسىي تەسىر كۈچكە ئىگە. جەنۇبىي ئامېرىكا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولغان ۋېنسۇئېلانىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا رايونىدىكى تەسىر كۈچى يەنىمۇ ئاشماقتا.

     ئەمما نۆۋەتتە، بۇ 3 دۆلەت تېخى بىرلىكتە تىرىشىپ، رايون مەركىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكىنى يوق. دۇنيا سودا تەشكىلاتى يېقىندا ئېلىپ بارغان دوھا سۆھبىتىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، برازىلىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ، ئارگىنتىنا بىلەن قارشى ھالەتكە ئۆتتى. ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىگە قارىتا، برازىلىيە‹‹ ئانچە يېقىنلىشىپمۇ كەتمەسلىك، يىراقلىشىپمۇ كەتمەسلىك›› پوزىتسىيىسىدە بولدى. بەزى ۋاقىتلاردا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە رايون ئىشلىرى سەۋەپلىك قاتتىق تالاش– تارتىشمۇ بولدى.

     برازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانى—ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، برازىلىيىنىڭ خەلقئارالىق سودا، ئېنېرگىيە مەنبەسى، يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى پىكىر قىلىش ھوقوق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ دۆلەتلەر كۇلۇپىغا كىرىش ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت قاتارىغا كىرىشكە تىرىشىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن، برازىلىيە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئاسىيادىكى بىر قىسىم چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراتتى. ئەگەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە برازىلىيىنىڭ مەنپەئەتى تەسىرگە ئۇچىرىسا، برازىلىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلىي يول قويۇشقا قوشۇلماسلىقى مۇمكىن.

      ئارگىتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىچكى ئىشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، دىپلوماتىيە ئىشلىرى ئۇنىڭ سىياسىي ئىشلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىسى ھېساپلانمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارگىنتىنا رايون ئىشلىرىدا ئەزەلدىن تۆۋەن پوزىتسىيىدە تۇرۇپ كەلدى. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، ئارگىنتىنا دۆلەت ئىچىدە مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ، ئىقتىسادتا چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكتىن، ئارگىنتىنا ھۆكۈمىتى زېھنىنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىچكى جەھەتتىكى ئىشلارنى ھەل قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەنلىكتىن، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋاقتى يەتمەي قالدى.

     3 دۆلەت ئىچىدە، ۋېنسۇئېلا بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەممىدىن بەك ئاكتىپ بولدى. ئەمما، سىياسىي ئىدىيە جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن، جەنۇبىي ئامېرىكا رايونىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋېنسۇئېلاغا گۇمانىي قاراشتا بولۇپ، ‹‹چاۋىس ھۆكۈمىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولدى››، دەپ قارىدى ھەمدە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ ئىشقا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولدى.

     ئۇزۇندىن بۇيان، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى ناھايىتى ئاستا سۈرئەتتە ئىلگىرلەۋاتقان بولۇپ، بۇ رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن گېنېراتورنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئالغا سىلجىتىشى كەمچىل بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم، چاۋىسنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى رايون مەركىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەشەببۇسى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى. ئەمما بۇ تەشەببۇسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ۋېنسۇئېلا، برازىلىيە ۋە ئارگىنتىنادىن ئىبارەت 3 دۆلەتنىڭ سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئۆز– ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى— كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۆر شەرت ھېساپلىنىدۇ. 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ