باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتتى
2008- 08- 11 12:20 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     7–ئاينىڭ 31–كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ‹‹ ئامېرىكىنىڭ 2008– يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى›› نى ئېلان قىلدى. بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، ئىككىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىرنى ئۆزگەرتىش يەنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئادەتتىكى ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي كۈچكە زىيادە بېقىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، قاتتىق كۈچ بىلەن يۇمشاق كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئادەتتىن تاشقىرى ئۇرۇشتا غەلبە قازىنىشىدىن ئىبارەت بولدى. 

     بۇ ئىستراتېگىيىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى يادرولۇق ۋەزىپە قاتارىغا قويۇشى، ئىراق ۋە ئافغانىستان بۇ مەيدان ئۇرۇشنىڭ مەركىزىلىك ئورنىغا قويۇلىشى كېرەك. بۇ ئىستراتېگىيىدە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان ‹‹تېخىمۇ كۈچلۈك دۆلەت›› نىڭ ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە رىقابەت ئېلان قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ يۇشۇرۇن رەقىبى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان جۇڭگو ۋە روسىيىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك، ئامېرىكا جۇڭگو ۋە روسىيە بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تىرىشىشى لازىم.

     ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولغان ‹‹ ئامېرىكىنىڭ 2008–يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى›› — ئامېرىكىنىڭ 2002–يىلى ۋە 2006–يىلدىكى ‹‹دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى›› شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ 2006–يىلدىكى ‹‹ 4 يىللىق باھالاش دوكلاتى›› دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيىلىك تەسەۋۋۇرنىڭ داۋامى. مەسىلەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلبە قازىنىشنى داۋاملىق ھالدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 1– مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش قاتارلىقلار. ئەمما، ئالدىن زەربە بېرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلماستىن، يۇمشاق كۈچ ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقتىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، تېررورىزىمنى يوقىتىش تەكىتلەندى. بۇ خىل ئۆزگىرىشى— خەلقئارالىق ۋە دۆلەت ئىچى ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە.

     تاشقى مۇناسىۋەت جەھەتتە، ئامېرىكا ھازىرغىچە ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشى پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ تۇرماقتا. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تالاپەتكە ئۇچىرىغان ئەسكىرى 560 نەچچىگە، ئىراقتا 4 مىڭ 100دىن كۆپرەككە يەتتى. بۇ ئىككى مەيدان ئۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا 860 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكەر سانىنى زور نىسبەتتە كۆپەيتكەن بولسىمۇ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۆزلۈكسىز ناچارلاشماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك دوكلاتتا، ‹‹تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ ئارقا–ئارقىدىن ھوجۇم قىلىشى بىلەن ئافغانىستان ئۇزاققىچە قالايمىقان بولۇش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، ئافغانىستان مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەخت كابولدىن باشقا رايونلارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يوق دېيەرلىك. ئىراقتا، ۋەزىيەت بىر ئاز ئوڭشالغاندەك قىلسىمۇ، يۇشۇرۇن خەۋپلەر يەنىلا ساقلانماقتا. ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق تېررورچىلارنى زور پائالىيەت بوشلۇقى ۋە باھانىگە ئىگە قىلدى›› ، دېيىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە، ئۇرۇش چىقىمىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى نۇرغۇن تەنقىدى پىكىرلەرنى پەيدا قىلدى. ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ئاۋازلار ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ئىستراتېگىيە خەلق رايىغا ياقىدىغاندەك قىلىدۇ.

     ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشى ئامېرىكىغا شۇنى ئېنىق تۇنۇتتىكى، ھەربىي جەھەتتە ئالدىن زەربە بېرىش ئارقىلىق قىسقا مەزگىللىك غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولسىمۇ، ئىشغال قىلىنغان رايوندىكى ئاۋام پۇقرانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى شۇنداقلا خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ‹‹ئامېرىكىنىڭ 2008–يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى›› دە، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يۇمشاق كۈچكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئافغانىستان ۋە ئىراق دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان مەزھەپ ۋە گۇرۇھلارنىڭ چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇ جايلاردىكى ئاھالىلارنى ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىدىكى بۇ خىل تەڭشەش ئېلىپ بېرىش— كەلگۈسىدىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشىگە مۇھىم تەسىر پەيدا قىلغۇسى.   

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ