باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
پۇتىن : روسىيە كۇبادىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ، دېدى
2008- 08- 11 12:13 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى روسىيە كۇبادا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىغا جاۋاپ قايتۇرامدۇ– يوق؟ دېگەن سۇئال توغرىسىدا تۈرلۈك پەرەزلەرنى قىلىۋاتقان پەيتتە، روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 4–كۈنى، روسىيە — كۇبا ۋە دۇنيادىكى باشقا رايونلاردىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك، دېدى.

     تەسىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

     روسىينىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئىگور سېچىن باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى7– ئاينىڭ 30–كۈنىدىن 8–ئاينىڭ 1–كۈنىگىچە كۇبادا زىيارەتتە بولدى. پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 4–كۈنى سېچىننىڭ بۇ قېتىمقى كۇبا سەپىرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. روسىيە خەلقئارا يېزىقلىق ئاخبارات ئاگىنتلىقى پۇتىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:‹‹ كۇبا ۋە دۇنيادىكى باشقا رايونلاردىكى ئورنىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك›› .  

      پۇتىن كۇبا بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆز قىلمىدى. ئەمما، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەممىدىن خەۋەردار بىر ئەربابنىڭ روسىيىدە چىقىدىغان ‹‹سودىگەرلەر گېزىتى›› گە دېيىشىچە، ‹‹ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەسلىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئۈستىدىلا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشقان. ئەمما، روسىيە تەرەپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىغا تۇيۇقسىزلا قىزىقىپ قالغانلىقتىن، ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەتكە چىقىشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا، ھەربىي ئىشلار ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان. شۇ سەۋەپتىن، روسىيەفېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ كاتىپى نىكولاي پاتروشېۋ  ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كىرگۈزۈلگەن›› .

     ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئۇچراشقاندىن كېيىن، روسىيە دۆلەت دۇماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاندىرىي كېرىموف روسىيەئاخبارات ئاگىنتلىقىغا مۇنداق دېدى:‹‹روسىيە كۇبادا ھەربىي مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىغا جاۋاپ قايتۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكا چېگرىمىزغا يېقىن جايدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرسا، بىزمۇ خالىغان دۆلەتلەردە ئۆز سىستېمىمىزنى ئورۇنلاشتۇرىمىز›› .  

     مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزى  

     روسىيىدىكى سىياسىي تەھلىلچى لېئونېد ئىۋاشوۋ مۇشۇ ئاينىڭ 4–كۈنى روسىيەۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۇبادىكى سەپىرىنى ئانالىز قىلدى. ئۇ روسىيە ئاخبارات ئاگىنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ‹‹ روسىيە كۇبادىكى ھەربىي جەھەتتە مەۋجۈت بولۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، غەرب ئەللىرىنىڭ روسىيىگە ئېلىپ كەلگەن سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن، دېدى›› .  

     لېئونېد ئىۋاشوۋ يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹غەرب ئەللىرىنىڭ روسىيىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ئارلىق رايون تەسىس قىلىشى مەخپىيەتلىك ھېسابلانمايدۇ. بۇ، ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە كاۋكاز رايونىدىكى ئەللەرنى شۇنىڭدەك بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئەللەر ۋە ئوكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن، كۇبانى ئۆز ئىچىگە ئالغان چېگرا سىرتىدىكى جايلاردا ھەربىي جەھەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز مۇمكىن›› .

    لېئونېد ئىۋاشوۋ ئىلگىرى روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ئورنى مەسئۇلى بولغان بولۇپ، ھازىر روسىيەجۇغراپىيە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹روسىيە كۇبادىكى بىر قىسىم پورتلاردا رازۋېدكا ۋە ئۇرۇش كېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرسا ياكى شۇ جايلاردا ئارىلىق ھالقىدىكى ئايرودروملارنى قۇرسا بولىدۇ. ئەگەر كۇبا تەرەپ قوشۇلسا ھەمدە روسىيە تەرەپ ماقۇل بولسا، روسىيە كۇبادىكى لوردېس ھەربىي ئىشلار بازىسىدىكى ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىپ ئاڭلاش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ›› . 

     كۇبا تەرەپنىڭ ئىنكاسى

     روسىيە بىلەن كۇبانىڭ ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق مەسىلىسى ئالدى بىلەن روسىيىدە چىقىدىغان ‹‹خەۋەرلەر گېزىتى›› ئېلان قىلىنغان بولۇپ، گېزىتتە 7–ئاينىڭ 21– كۈنى بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ‹‹روسىيە تەرەپ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن، يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ روسىيەبىلەن كۇبا ئارلىقىدا قەرەللىك ئۇچۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلاشماقتا، دېيىلگەن›› .  بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپ كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ، روسىيىنى ‹‹قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ ئۆتمەسلىك›› توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

     ئەگەر روسىيە كۇبادىكى ھەربىي ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە، ئامېرىكا تىككەن ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما، روسىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە كۇبا تەرەپ بۇ مەسىلىگە قارىتا سوغۇق پوزىتسىيىدە بولغان. روسىيە ئاخبارات ئاگىنتلىقى كۇبادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتىيە خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:‹‹كۇبا رەھبەرلىك قاتلىمى روسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلاشمىدى. بولۇپمۇ، روسىيە ئەينى يىلى كۇبادىكى لوردېس ھەربىي ئىشلار بازىسىنى تۇيۇقسىز تاقىۋەتكەندىن كېيىن›› .  

     روسىيە تەرەپ 2001– يىلى كۇبا تەرەپنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، لوردېس ھەربىي ئىشلار بازىسىنى تاقىۋەتكەن ئىدى. روسىيىدە چىقىدىغان ‹‹سودىگەرلەر گېزىتى›› تەھلىل قىلىپ، ‹‹ھازىر، كۇبانىڭ روسىيە بىلەن ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەپ، ئىلگىرى يولۇققان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېسىگە ئالغانلىقىدىن ئىبارەت بولسا كېرەك، دېيىلدى›› .  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ