|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى ئەمەت خەۋىرى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، پەيزىۋات ناھىيىسى ‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى›› نى تەشۋىق قىلىش ، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ ، مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.
ناھىيىلىك پارتكوم ، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيسىدە چىڭ تۇرۇپ ، قاتلاممۇ قاتلام رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرنى قۇرۇپ ، بىرىنچى قول مەسئۇل بولۇش خىزمەت مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈر مەبلىقىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ، ناھىيە ، يېزا ، بازار مالىيسىدىن مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، مائارىپ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى پۇختىلىدى. 18 مىليون 237 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ، 22 مىڭ 839 كۋادىرات مېتىر خەتەرلىك مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاپ ، تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى تولۇقلىدى.‹‹بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپ كىرىش نىسبىتىنى %97.7 گە ، تولۇقسىزدا ئوقۇش نىسبىتىنى %96.2 گە يەتكۈزدى. ‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى ››، ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن–نىزاملارنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ ، تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن مەكتەپتىن چېكىنگەن 158 ئوقۇغۇچىنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلدى . 40 نەچچە ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىنتېرنېت تورى تۇتاشتۇرۇپ ، مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ ‹‹قوش تىل ›› ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرىنى تۈزۈپ، ‹‹قوش تىل ››ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئەلالاشتۇردى. نۆۋەتتە ، ناھىيە بويىچە ناھىيە مەركىزى ۋە 13 يېزا، بازاردا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش سىنىپىدىن 222 سى تەسىس قىلىنىپ ، ئوقۇغۇچى سانى 8مىڭ 322 گە يەتتى. ‹‹قوش تىل››يەسلى نۇقتىسىدىن 13ى ، سىنىپىدىن 86 سى ئېچىلىپ 4287 بالىنى ‹‹قوش تىل››مائارىپى بويىچە تەربىيىلەش يولغا قويۇلدى. 228 نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنى ۋىلايەت ، ئاپتونوم دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەۋەتىپ ، ئۇلارنىڭ قوش تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى. كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، كەسپىي سىنىپ سانىنى 94 گە ئوقۇغۇچىنى 4050 گە يەتكۈزدى. دۆلەتنىڭ ‹‹ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىردە تولۇقلىما بېرىش›› سىياسىتىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 66مىڭ 988 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 2 مىليون 813 مىڭ 400 يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى ھەقسىز ماتېرىيالدىن بەھرىمان قىلدى.
|