باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
بۇ يىل ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 370 مىڭغا يەتتى
2008- 08- 07 16:52 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، 2008 – يىللىق دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى ئاياغلاشقان. بۇ يىل تىزىملاتقانلار 370 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن 80 مىڭچە كىشى كۆپىيىپ، تارىختا يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

   ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى خىزمىتىدە نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلگەن، تۈزۈلگەن سىياسەت كۆپ بولغاچقا، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەن. ئاپەتكە ئۇچرىغان قىسمەن جايلاردا ئىمتىھان ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەچكە، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 4  –يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن كەسپىي گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلىشى ئۇلارنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئەھۋالى بىلەن باغلىنىشلىق بولغاچقا، بۇ يىل دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى.

   بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ئورگانلىرى بولۇپمۇ دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى خىزمىتى ئاپپاراتى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىدىكى ھالقىلارنى ئېنىق ئايرىپ، ۋەزىپىنى، مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخنىكا ۋاسىتىسىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە بۇنداق قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ، ئىمتىھان ئېلىش جەريانىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ يىللىق دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2007 – يىلى دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىغا 294 مىڭ كىشى تىزىملاتقان، 260 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمتىھانغا قاتناشقان، 58 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قانۇن كەسپىي سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، ئۆتۈش نىسبىتى %22.39 بولغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ