|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىغا ئالاقىدار سىياسەت – تەدبىرلەر بەش جەھەتتىن تەڭشىلىدىكەن. تىزىملىتىش، ئوقۇش تارىخى شارائىتى جەھەتتە رايون دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە ئىمتىھان تېزىسىنىڭ بىلىم قۇرۇلما دائىرىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئىمتىھاننىڭ ئىلمىيلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەدلىيە مىنىستىرلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى خىزمىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ‹‹ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى››نى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ، دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرىنچىدىن، تىزىملىتىش، ئوقۇش تارىخى شارائىتى جەھەتتە رايون دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. 2008 – يىلىدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىدىكى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 243 ناھىيە (رايون، شەھەر) ئىچىدىكى 98 ناھىيە (رايون) تىزىملىتىش، ئوقۇش تارىخى شارائىتى جەھەتتە كېڭەيتىلىدىغان رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 4 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلارنىڭ دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تەيۋەن ئاھالىسى دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ. تۆتىنچىدىن، سىچۇەن قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ 2008 – يىللىق دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى خىزمىتى تەڭشەلدى. بەشىنچىدىن، دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى تېزىسىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئەمەلىي قانۇن ساۋاتى ۋە قانۇن كەسپىي ئەخلاقىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار كىرگۈزۈلۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەدلىيە ئەمەلىيىتى ۋە ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ.
|