باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 08- 07 16:46 شىنجاڭ گېزىتى

   . كورىيىلىك نەچچە مىڭ كىشى 5 – ئاۋغۇست كەچتە شاملىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشنىڭ كورىيىگە زىيارەتكە كەلگەنلىكى ۋە كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

   . 2 – ئىيۇلدىن بۇيان ئوتتۇرا – شەرقىي ياۋروپا رايونى كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، ئۇكرائىنا، مولدىۋې ۋە رۇمىنىيىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئاپەت ئېغىر بولدى.

   . ھەر ساھە كىشىلىرى 6 – ئاۋغۇست خىروسىما شەھىرىدىكى تىنچلىق خاتىرە باغچىسىغا يىغىلىپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاتوم بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنىڭ 63 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم تىنچلىق ئۈچۈن تىلاۋەت قىلدى.

   . دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى 5 – ئاۋغۇست مېكسىكا شەھىرىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئەيدىزنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   . ئاقساراي ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 5 – ئاۋغۇست بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادام ھاكىمىيىتىنىڭ ‹‹بازا›› تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ساختا خەت ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئىراققا قارشى ئۇرۇش قوزغاشنىڭ باھانىسى قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ