|
·گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6 – ئاۋغۇست ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، ‹‹چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئېچىۋېتىش شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى›› گە قاراپ چىقىلدى ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.
·مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 4–كۈنىدىن 6– كۈنىگىچە پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش باش تېما قىلىنغان ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن تۈنۈگۈنكى ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جوڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىيسىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۈي 6 – ئاۋغۇست بېيجىڭدا نامبىيە غەربىي جەنۇب ئافرىقا خەلق تەشكىلاتى پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى، نامبىيىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ناجوما بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ جيارۈي ناجومانىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنشىشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەمدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
·ساموئا دۆلەت رەھبىرى تۇئىن ئاتۇئا تۇپۇئا تاماسەيسەي ئەيفېي، سېرىلانكا زۇڭتۇڭى ماشىڭدا لاجاپاكېسا، سان مارىنونىڭ كونسولى روسا جافېيرانى فېدەيرىك پېدىنى ۋە مىكرونېزىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىماننۇر مورىلار 29- نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شۇنداقلا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن چۈشتە بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.
·قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خې جيەنجۇڭ 6 – ئاۋغۇست بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتناش ترانسپورت كاپالىتى خىزمىتىدىكى بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقى ھەمدە نۆۋەتتە مۇسابىقە مەزگىلىدىكى ئايلىنىش ھالىتىگە كىرىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.
|