|
6 – ئاۋغۇست كەچتە، جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كومىتېتى خەلق سارىيىدا چوڭ تىپتىكى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 29–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئولىمپىك كومىتېتلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا يەككە تۈرلەر تەنتەربىيە بىرلەشمىلىرى قاتارلىق خەلقئارالىق تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىدىن كەلگەن ئېزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى . خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې، ئۆمۈرلۈك پەخرى رەئىسى سامارىچ ۋە ئىجرائىيە ئەزالىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئولىمپىك كومىتېتلىرىنىڭ رەئىسلىرى، باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى خەلقئارالىق تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەندۇڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى .
|