باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 08- 07 12:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ·روسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى زېلئىن يېقىندا ، ‹‹مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر يېقىنقى مەزگىلدە، كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىرلىككە كەلگەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك،– دېدى›› .

     ·ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى 6 – ئاۋغۇست ئېلان قىلغان گۈللىنىش يۈزلىنىشى مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇ يىل 6–ئايدىكى گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى 101.7 بولۇپ، بۇ يىل 5– ئايدىكىدىن 1.6 نۇقتا تۆۋەن بولغان، بۇ، ياپونىيە ئىقتىسادىدا ناچارلىشىش كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

     ·ئەرەب پۇل مۇئامىلە تور پونكىتى يېقىندا، ئىران نېفىت مىنىستىرلىكىنىڭ نېفىت ئايرىش ۋە يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇھەممەد رىزان نىماتزاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹نۆۋەتتە، ئىران ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىز، ئابباس پورتى ۋە لاۋاندىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭ بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بولدى›› .  

     ·ياپونىيىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى 6 – ئاۋغۇست خروسىما شەھىرىدىكى تىنچلىق خاتىرە باغچىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىروسىما شەھىرىنىڭ ئاتوم بومبىسىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ 63 يىللىقىنى خاتىرلىدى ھەمدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، مەڭگۈ تىنچ بولۇشىنى تىلىدى. ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى فۇتيەن كاڭفۇ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە خىروسىما شەھەر ئاھالىلىرىدىن بولۇپ 45 مىڭ ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى.

     ·خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق ماتېرىياللارغا قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل 6–ئايدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاۋىئاتسىيە يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى پەقەت %3.8  لا بولۇپ، 2003–يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش نىسبىتى كۆرۈلگەن.

     ·فرانسىيە ئۈن–سىن بۇيۇملىرىنى ئوغىرلىقچە نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، فرانسىيىدە ھەر كۈنى توردىن قانۇنسىز ھالدا كىنو چۈشۈرۈش سانى 450 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، كىنوخانىلارغا كىرىپ كىنو كۆرىدىغانلارنىڭ سانى بىلەن تەڭ دېگۈدەك ئىكەن. توردىن قانۇنسىز ھالدا كىنو چۈشۈرۈش ئارقىلىق يوقالغان كىنو بازىرى يېرىم نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن.

     ·نۆۋەتتە گرۇزىيىنىڭ توقۇنۇش بولىۋاتقان رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گرۇزىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 6 – ئاۋغۇست تىسخىنۋالىيدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

    ·تايلاند ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى 6 – ئاۋغۇست تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان يالا ئۆلكىسىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكى 3 ئەسكەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن.

    ·مىسىردىكى بىر دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، 6 – ئاۋغۇست ئەتتىگەندە، مىسىردىكى چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ئىسرائىلىيىگە قانۇنسىز كىرمەكچى بولغان سۇدانلىق بىر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئېيتىلىشىچە، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىن كەلگەن 24 ياشلىق بۇ سۇدانلىق يىگىت مىسىر– ئىسرائىلىيە چېگرىسىدىكى سىم توساقتىن ئۆتمەكچى بولغاندا، چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ