|
ئامېرىكا بىلەن ئىراقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى سۆھبىتى ئەسلىدە7–ئاينىڭ 31–كۈنى ئاياغلاشماقچى ئىدى، ئەمما ئىككى تەرەپ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە سۆھبەتنى ئاياغلاشتۇرالمىدى. ئامېرىكا بىلەن ئىراقنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئورنى، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئېغىر ئىختىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، سۆھبەت تېخىمۇ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
ئامېرىكا –ئىراقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى— ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە بىۋاستە چېتىلىدۇ. 2003–يىلى 3– ئايدا، ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاپ، سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىۋەتتى؛ 2003– يىلى 10–ئايدا، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار ماقۇللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئىشغالىيەتچى قوشۇنىدىن بىراقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك قىسمىغا ئۆزگەرتتى. ئەمما، ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىراق بارغانسىرى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى، ئىراق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 2008–يىلىنىڭ ئاخىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ‹‹ھوقوق بېرىشىنى›› ئاياغلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراقنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت قىسمىنىڭ ئىراقتىكى ئورنى مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كېڭىشىش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى داۋاملىق ئىراقتا قالماقچى بولسا، جەزمەن ئىراق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئىراقتا داۋاملىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىشغالىيەتچى قوشۇن دېگەن نام بىلەن ئىراقتا تۇرۇدۇ. بۇ يىل 3–ئايدا، ئامېرىكا – ئىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلىدى، ئەسلىدە بۇ سۆھبەتنى 7–ئاينىڭ 31–كۈنى ئاياغلاشتۇرۇپ، 8–ئايدا كېلىشىم ئىمزالىماقچى بولغان ئىدى.
سۆھبەت ئاساسلىقى ئىككى شەرتنامىگە چېتىلىدۇ. بىرى، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئورنى مەسىلىسى كېلىشىمى، بۇ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھوقوقى، مەجبۇرىيىتى، كۆلىمى، قەرەلى، ھەربىي بازا ۋە ھەربىي ھەركەتنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى، جىنايى ئىشلار بويىچە كەچۈرۈم قىلىش ھوقوقى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشتىكى مەقسەد، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشىنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ يەنە بىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت رامكا كېلىشىمى، بۇ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ، بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشتىكى مەقسەد، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە يادرولۇق مەسىلە، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئورنى مەسىلىسى، ئىككى تەرەپنىڭ تالاش تارتىشى 4 جەھەتكە مەركەزلەشكەن. بىرىنچى، كېلىشىمنىڭ خاراكتېرى. ئىراق مەزكۇر كېلىشىم ئىشغال قىلىش كېلىشىمى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك دەپ تەكىتلىگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تەلىپى— ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى–تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ تەنقىدلىگەن. ئىككىنچى، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھوقوق چەكلىمىسى. ئىراق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھوقوقىنى چەكلەشنى ئۈمىد قىلغان، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، خالىغانچە ئىراقلىقلارنى تۇتۇپ تۇرىشىغا بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئۈچۈنچى، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى مەسىلىسى. ئىراق تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كۆلىمىنى تەدرىجىي تارايتىش ھەمدە ئەڭ ئاخىرى ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقتىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان. تۆتىنچى، جىنايى ئىشلار بويىچە كەچۈرۈم قىلىش ھوقوقى مەسىلىسى. ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا ئارمىيىسىغا جىنايى ئىشلار بويىچە كەچۈرۈم قىلىش ھوقوقى بېرىشنى ئۈمىد قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە توختامى تۈزگۈچى تەرەپ، خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركىتى شۇنداقلا نېفىت سودىگەرلىرىگە ئوخشاش ھوقوق بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ ئىراق تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى — ئامېرىكا - ئىراق ئىككى دۆلەت ئىچىدىمۇ نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچىرىدى. ئامېرىكىدا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ پىكىرى ئاساسلىقى 3 جەھەتكە مەركەزلەشكەن: كېلىشىم مەزمۇنى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئارمىيىگە بېرىلگەن ھوقوق چەكتىن ئېشىپ كەتكەن؛ كېلىشىم مەزمۇنى بوش ھۆكۈمىتنىڭ ھوقوق چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھوقوق بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ بۇ كېلىشىم ‹‹كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىراق مەسىلىسىدىكى پۇت– قۇلىنى چۈشەپ قويغان››، ئەمەلىيەتتە بوشنىڭ ئىراققا قاراتقان سىياسىتى كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مەجبۇرلانغان. ئىراقتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 3 جەھەتتىن بىسىم شەكىللەنگەن: بىرىنچى، ئىراق بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، ئىراقلىقلارنىڭ ئىشەنچىسى ئېشىپ، تولۇق ئىگىلىك ھوقوقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇددىئاسى كۈنسىرى كۈچەيگەن؛ ئىككىنچى، ئۆكتىچىلەر ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىمكانقەدەر بالدۇر چېكىنىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان، شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ رەھبىرى سادىر كېلىشىمگە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، شىئە مەزھىپىنىڭ مەنىۋىي داھىيسى شىستانى مەزكۇر كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان ؛ ئۈچۈنچى، ئىران ئىراققا بولغان بېسىمنى زورايتقان، كېلىشىمدە ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىرانغا زەربە بېرىشتىكى قورغان قىلىۋالماسلىقىنى ھەمدە ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېنىق بېكىتىشنى ئۈمىد قىلغان.
بۇش ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇلتۇر‹. ئەسكەر كۆپەيتىش›› ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە نامايەن بولۇپ، ئىراقتا تېررورلۇق، زوراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشى تۆۋەنلەشكە باشلىغان. بۇ يىل 1– ئايدىن 7– ئايغىچە، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن تالاپەتكە ئۇچىرىغانلار 219 كىشىگە يەتكەن. ھالبۇكى بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدە تالاپەتكە ئۇچىرىغانلار 655 كىشىگە يەتكەن ئىدى؛ 7– ئايدا ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۆلگەن خادىمى ئاران 11 بولغان. بۇ، بوشقا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر خوش خەۋەر، ئەگەر ئامېرىكا–ئىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى ئىمزالىسا، گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەندەك ياخشى ئىش بولىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بوشنىڭ‹‹ئىراقتىكى مىراسلىرى››، ئامېرىكا- ئىراق مۇناسىۋىتى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ‹‹ ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى›› دىكى ئانالىزدا، سۆھبەت مەغلۇپ بولسا، بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتا ھەربىي جەھەتتە رەسمىي مەۋجۈت بولۇشى تورۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىگە بېرىلگەن بىر قاتتىق زەربە، دېيىلگەن.
|