باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
يېڭىسار ناھىيىسىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا قانۇن–تۈزۈم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلدى
2008- 08- 07 09:46 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : يېڭىسار ناھىيىلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى 25–ئىيۇلدىن باشلاپ قانۇن تۈزۈمنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش بويىچە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا يازلىق تەتىللىك قانۇن–تۈزۈم تەربىيسى ئېلىپ بېرىشنى قانات يايدۇردى.

       6–ئاۋغۇستقىچە ، ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ، ئۇزۈن يىللىق قانۇن –تۈزۈم خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ، پىشقەدەم كادىر، ساقچىلار ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا–بازار ۋە ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى بىرلىك قىلىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى››، ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن–نىزاملارنى ئاساس قىلىپ، ئەتراپلىق، ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ، جانلىق ، چۈشىنىشلىك تىللار بىلەن 10 نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ ، 5 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەسىر كۈچى زور بولغان بىر قېتىملىق قانۇن–تۈزۈم تەربىيسىگە ئىگە قىلدى.

       ناھىيىلىك 3–ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن لېكسىيە سۆزلەش پائاليتىدىن كۆرنۈش

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ