باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
ئامېرىكا كوماندىسى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا ئۇتتى
2008- 08- 06 15:26 تەڭرىتاغ تورى

       5–ئاۋغۇست ، ئامېرىكا ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى‹‹چۈش8›› ئاۋسترالىيە كوماندىسى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى. ئاخىرىدا ، ئامېرىكا كوماندىسى 87:76 نەتىجە بىلەن ئاۋسترالىيە كوماندىسىنى ئۇتتى.

      بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن ، ئامېرىكا كوماندىسى ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ، كانادا ، تۈركىيە ، لىتۋانىيە ، روسىيە كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ ، ئاۋىسترالىيە كوماندىسىنى ئۇتقاندىن كېيىن، ئۇدا ئۇتۇشتەك نەتىجە بىلەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرىنى ئاياغلاشتۇردى. نۆۋەتتە ، ئامېرىكا ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى‹‹چۈش8›› بۇ قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى تالىشىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك نامزات دەپ قارالماقتا.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ