|
يېقىندىن بۇيان، نېفىت باھاسىدا بىر ئاز تۆۋەنلەش بولغان بولسىمۇ، ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى يەنىلا 120 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولدى. نېفىت باھاسىنىڭ بۇنداق تېز ئۆرلىشىدە قانداق سەۋەپلەر بار؟ بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى نۇرغۇن كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر قىسىم كۆز قاراشلاردا، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرە بولۇشى— ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىدىن ئىبارەت بولۇپ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نېفىت باھاسىنىڭ ھازىرقىدەك يۇقىرى بولۇشىنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېيىلدى.
ئېنېرگىيە مەنبەسى بىخەتەرلىكى— دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك مەسىلە بولۇپ، نېفىت باھاسىنىڭ ھازىرقىدەك يۇقىرى بولۇشىنى راستىنلا ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟
بۇ خىل‹‹ئامېرىكا ھىيلى– مىكىرسى قارىشى›، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتسىمۇ، زىيادە ئاددىي، تامامەن كەيپىيات ئىنكاسىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، نېفىت باھاسىنىڭ ھازىرقىدەك يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا، خەلقئارادا نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بولۇپ، ھەر تەرەپتىن ئاڭلىغاندا ئەھۋال ئېنىق بولۇپ، بىرلا تەرەپتىن ئاڭلىغاندا ئەھۋال تۇتۇق بولىدۇ. بىر قاراشقا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىلگىرى، باشقا قاراشلارنىمۇ ئاڭلاپ قويۇش كېرەك ئەلۋەتتە.
مەسىلەن، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە نېفىت باھاسى مەسىلىسى توغرىسىدا كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقتا، زۇڭتۇڭ بۇش ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى ۋەكىل قىلغان بىر تەرەپ، تەمىنلەش بىلەن تەلەپنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى، دەپ تەكىتلىدى؛ دېموكىراتلار پارتىيىسىنى ۋەكىل قىلغان يەنە بىر تەرەپ بولسا، ھايانكەشلىك نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى، دەپ قارىدى.
بۇشنىڭ ھەل قىلىش چارىسى—نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش مىقدارىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت بولدى. بۇنىڭدا، ئامېرىكىمۇ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك ئەلۋەتتە. بۇمۇ، بۇشنىڭ يېقىندا ئامېرىكىنىڭ يېقىن دېڭىز رايونىدىكى نېفىت ئېچىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشىدىكى سەۋەپ ھېساپلىنىدۇ.
ئەمما، ئامېرىكىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشى مۇمكىن ئەمەس، ئامېرىكىدىكى دېموكىراتلار پارتىيىسىدىن بولغان كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاز نىسبەتتە ئاشۇرۇش— مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، چۈنكى بازار، ھايانكەشلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىۋېلىندى، دەپ قارىدى. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دېموكراتلار پارتىيىسى نېفىت بازىرى ھايانكەشلىكىگە زەربە بېرىش توغرىسىدا قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تەييارلانماقتا.
نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرە بولۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا يەنە مالىيە مىنىستىرلىكى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى، ئاكسىيە سودا جەمئىيىتى قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپكە قەدەمدىكى پىكرى، نېفىت باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشىدىكى سەۋەپ— تەمىنلەش ۋە تەلەپ ئامىلى دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېرنانك دەل مۇشۇ قاراشتا بولدى؛ ئەمما، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا قەرەللىك مال سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارت كىلتون، بازار ھايانكەشلىكى— ئاساسلىق سەۋەپ ھېساپلىنىدۇ، قەرەللىك مال بازىرىدا كۆرۈلگەن ھايانكەشلىك قىلىش خاراكتېرىدىكى كۆچمە كاپىتال 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، دەپ قارىدى.
ئەلۋەتتە، يۇقارقى ئىككى سەۋەپتىن باشقا، ئىككى تەرەپتىكىلەر يەنە، ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى--- نېفىت باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى، دېگەنلەرنى ئېتىراپ قىلدى. بېرنانك يېقىندا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە مۇشۇ خىل قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇغراپىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىكى جىددىيلىك، ھاۋارايى شارائىتىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىقلار نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.
ئەگەر نېفىت باھاسىنىڭ ھازىرقىدەك يۇقىرى بولۇشىنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى بەس– مۇنازىرە ساختىلىققا تولغان بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى شۇنچە كۆپ سىياسىئون راستىنلا مۇشۇنداق ئويۇن ئوينارمۇ؟ چوقۇم بۇنداق بولمايدۇ ئەلۋەتتە. كەسكىن بەس–مۇنازىرىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كەلمەيدۇ.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، نېفىت باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشى— دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتىنى بەلگىلىشىنى يەنىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئامېرىكا ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى— ئاۋام خەلقنىڭ چىقىمىنى ئاشۇرۇپ، يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى يەنىمۇ ئاشىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادى ئايلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسى— ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى چېكىندۈرىۋەتتى، نۆۋەتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشى، ئىقتىسادتا پۇل پاخاللىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاشماسلىقىدەك خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى نېفىت باھاسىنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئازراق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىنى تۈگىتىش— ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولغاچقا، پۇل سىياسىتى جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ كېڭىيىش خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتىنى قوللىنىشى تۇرغانلا گەپ، بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇقەررەر. ئامېرىكا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ خىل ئازابقا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ئەلۋەتتە.
نېفىت باھاسى مەسىلىسى— كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ—تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ياكى بازار ھايانكەشلىكى ۋە ياكى ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنىڭدەك جۇغراپىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىكى جىددىيلىك بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە ئوينىغان سەلبىي رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
|