باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
بېيجىڭ شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانسىسى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدىغان كۈندىكى ھاۋارايىدىن ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى
2008- 08- 06 11:32 تەڭرىتاغ تورى

    بېيجىڭ شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانسىسى 5 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، 8–ئاينىڭ 8–كۈنى يەنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدىغان كۈندىكى ھاۋارايى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى. شۇ كۈنى بېيجىڭدا ھاۋا بولۇتلۇق بولۇپ، قىسقا مۇددەت ئۆتكۈنچى يامغۇر ياكى گۇلدۇرمامىلىق يامغۇر ياغىدىكەن. بېيجىڭ شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانسىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 31 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 23 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن. كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 27 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە نەملىك دەرىجىسى %80 ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى تېمپېراتۇرا ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپ، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى بىر قەدەر زور بولىدىكەن. شامال ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن. ھۆل–يىغىن كۆرۈلگەندىن باشقا، بۇ كۈندىكى ھاۋارايى ئەھۋالى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا باشقا پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسەتمەيدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئالاقىدار تارماقلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنىدىكى ھاۋارايى مەلۇماتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋېتىپتۇ. ۋاقىتنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش  تېخىمۇ توغرا بولىدىكەن. بۈگۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنىدىكى ھاۋارايى ئەھۋالىدىن يەنە بىر قېتىم مەلۇمات بېرىلىدىكەن .

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ