باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بېيجىڭدا چەتئەل ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ كوللېكتىپ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
2008- 08- 06 11:23 تەڭرىتاغ تورى

 

      2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش ئالدىدا ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بېيجىڭدا 25 چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ كوللېكتىپ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى . خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشىنى ۋە كۆرۈشۈشنى قارشى ئالىدۇ. 29–نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى بۇ دەقىقىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە . ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيانىڭ 5 تىن بىر قىسىم نوپۇسىغا ئىگە جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈشى— دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىنى ئىپادىلەيدۇ ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو خەلقىگە ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە مەنسۇپ . بېيجىڭ ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن بۇيان ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۆزىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارا ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئالاھىدە بولغان، يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە پۇختا ئاساس سالدى .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ