|
––ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا جايدا نوپۇس، ئوقۇش تەۋەلىكىنى تەكرار بېجىرىش دېلوسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا
يېقىندا، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ خۇڭسىباۋ تەرەققىيات رايونىدىكى بىر كەنت كادىرى ئاھالە كۆچۈرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقا ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نوپۇسنى تەكرار بېجىرىپ بېرىپ ئارىدىن 90 مىڭ يۈەنگە يېقىن قانۇنسىز پايدا ئالغانلىقى ئۈچۈن، خۇڭسىباۋ تەرەققىيات رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.
نىڭشيادىكى ‹‹سۇفاڭ›› ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گاۋ خۇڭدۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەر ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى›› مەسىلىسىگە مائارىپ نۇقتىسىدىنلا قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، باشقا ئۆلكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قانۇنسىز نوپۇس ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى تەكرار بېجىرىپ بېرىش غايەت زور مەنپەئەتنىڭ ئازدۇرۇشىدىن بولغان.
ئايرىم ئوقۇغۇچىلار ۋە كەنت كادىرلىرى مەنپەئەت زەنجىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى
خۇڭسىباۋ تەرەققىيات رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇ زۇڭرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 2 – ئايدا، خۇڭسىباۋ تەرەققىيات رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى، نوپۇسى، مۇقىم تۇرالغۇسى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرگەندە، سۇڭxx قاتارلىق 26 ئوقۇغۇچىنىڭ نوپۇسىنىڭ لۇڭدې ناھىيىسىنىڭ ديەنئەن قاتارلىق يېزىلىرىدىن خۇڭسىباۋ تەرەققىيات رايونىنىڭ نەنچۇەن يېزىسى ياڭليۇ كەنتىگە بىرلىكتە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ئەمما ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ تەلەپپۇز قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن، بۇ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يەرلىك ئەمەسلىكىگە، ئوقۇش تەۋەلىكىنىڭ خېنەن ۋە ئىچكى موڭغۇلدا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەر بۇ ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىغا دوكلات قىلغان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى دەرھال تەپتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مائارىپ تارمىقىدىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تېزدىن لۇڭدې ناھىيىسىنىڭ يېزا – بازار، كەنتلىرىگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن. ساقچىخانىدىكىلەر ئەسلىدىكى كۆچۈرۈش ئورنىدا بۇلارنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ خۇڭسىباۋدىكى نوپۇسىنىڭ يالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر نەنچۇەن يېزىسىنىڭ ياڭليۇ كەنتىگە بېرىپ يۇقىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇقىم تۇرالغۇسىنى ئېنىقلىغاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇقىم تۇرالغۇسىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان. 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، خۇڭسىباۋ تەرەققىيات رايونى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە لۇڭدې ناھىيىسىگە بېرىپ ئىسپات يازدۇرۇپ كېلىشىنى، ئەگەر كۈچكە ئىگە ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بۇ نوپۇسلارنى ئىناۋەتسىز نوپۇس دەپ قارايدىغانلىقى ھەم قانۇن بويىچە رويخەتتىن ئۆچۈرۈپ، كىملىكنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلار كۈچكە ئىگە ئىسپات كۆرسىتەلمىگەچكە، ئەسلىي يۇرتىغا قايتۇرۇلغان.
خۇڭسىباۋدا ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى›› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خۇڭسىباۋ تەرەققىيات رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، 19 – ماي باشقا ئۆلكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نوپۇس بېجىرىپ بەرگەن كەنت كادىرى جاڭxx نى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 2006 – يىلى 4 – ئايدىن 2008 – يىلى 3 – ئايغىچە، جاڭxx نىڭ قانۇنسىز ۋاسىتە ئارقىلىق لۇڭدې ناھىيىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان كۆچمەنلەرنى تەكشۈرۈش قۇرۇق جەدۋىلىنى قولغا چۈشۈرۈپ، لۇڭدې ناھىيىسىدىكى بارلىق كەنتلەرنى خۇڭسىباۋ تەرەققىيات رايونىغا كۆچۈرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆچمەنلىك شەرتىگە توشمايدىغان، باشقا ئۆلكىدىكى 30 نەچچە ئوقۇغۇچى ۋە باشقا ئۆلكىدىكى 50 نەچچە كىشىدىن مىڭ يۈەندىن ئۈچ مىڭ يۈەنگىچە پۇل ئېلىپ نوپۇس بېجىرىپ بەرگەنلىكى ئېنىقلانغان.
قىسمەن مەمۇرلار مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۇزارتقۇچىلار
ئىگىلىشىمىزچە، ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆچمەن››بولۇش ئۈچۈن، ئادەتتە نوپۇس ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىدىن ئىبارەت ئىككى ھالقىنى ھەل قىلىش كېرەككەن.
خېنەن، ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق قىلىپ نىڭشيانىڭ بىر چەت كەنتىدە ‹‹ئولتۇراقلىشىپ›› قالغانلىقىنى ھېچكىم ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بەس – مۇنازىرىسىز پاكىت شۇكى، ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››نىڭ ‹‹خۇشپۇرىقى›› ھەر قايسى جايلاردىكى ‹‹كېپىنەك››لەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كىچىككىنە كەنت كادىرىنىڭ تۇيۇقسىز ‹‹بازىرى›› چىقىپ كەتكەن، ئۇ قانۇنسىز ۋاسىتە ئارقىلىق لۇڭدې ناھىيىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان كۆچمەنلەرنى تەكشۈرۈش قۇرۇق جەدۋىلىنى قولغا چۈشۈرۈپ، قاپ يۈرەكلىك بىلەن باشقا ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا نوپۇس رەسمىيىتىنى تەكرار بېجىرىپ بەرگەن. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن نوپۇسىدىكى 20دىن كۆپ ئوقۇغۇچى ئەسلىدىكى نوپۇسى ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى رويخەتتىن ئۆچۈرمىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇلار ئىككى نوپۇس، ئىككى ئوقۇش تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان بولىدىكەن. نىڭشيادا تەكشۈرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئەسلى يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلغان.
ئۇنداقتا، ‹‹تامغا بېسىلغان كۆچمەنلەرنى تەكشۈرۈش قۇرۇق جەدۋىلى››نى كىمدىن، نەدىن قانۇنسىز قولغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ يەردە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمىنىنىڭ مەنپەئەت زەنجىرى يەنە ئۇزىرايدۇ.
نوپۇس باشتىن – ئاخىر نۇرغۇن ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى›› چوقۇم ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر بوسۇغا بولۇپ كەلمەكتە، شۇڭا نوپۇس ساقچىسى ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››نىڭ مەنپەئەت زەنجىرىدىكى يەنە بىر مۇھىم ھالقا. ۋۇجۇڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى لى چۈەنۋېن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يىللاردا، ۋۇجۇڭ شەھىرىدە ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى›› ئۈچۈن يالغان نوپۇس بېجىرگەن نوپۇس بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىگە كىرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇڭ شەھىرىدە بۇ بىر قانچە يىلدا ‹‹ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى›› كۆپ ئازلىدى. ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نوپۇس ساقچىسىنىڭ باشقىلارغا يالغان نوپۇس بېجىرىپ بېرىش ‹‹باھاسى›› ئوخشىمايدىكەن، بۇنىڭدا ئاساسلىقى پارا بەرگۈچىنىڭ ‹‹ئاڭلىقلىقى››غا قارىلىدىكەن.
نوپۇس ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە چوقۇم ئوقۇش تەۋەلىكىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەسلىدە ج خ تارماقلىرى بىلەن مائارىپ تارماقلىرى بىرلىكتە چەكلەيدىغان تەرەپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››نىڭ مەنپەئەت زەنجىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. بىر قىسىم مەكتەپلەر كۆچمەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىكەن ۋە شۇنداق قىلىشنى خالايدىكەن، چۈنكى بۇ ئوقۇغۇچىلار مائارىپى نىسبەتەن راۋاجلانغان جايلاردىن كېلىدىكەن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن، ۋەھالەنكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى مەكتەپنىڭ ئابرۇيىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىكەن. مانا مۇشۇ مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە، بەزى مەكتەپلەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئامالنىڭ بېرىچە ئۆزىگە تارتىپ، مەكتەپنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا ‹‹كۈچ قوشقۇزىدىكەن››، مەكتەپ ئابرۇيىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ئوقۇشقا كېلىدىكەن، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي ئىئانىگە، مائارىپ مەبلىغىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ كۆچمەن ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلىدىن بىۋاسىتە پايدىغا ئېرىشەلەيدىكەن.
بىز نىڭشيادىكى مەلۇم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››نى توسۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئەسلى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما ساختا ئوقۇش تەۋەلىكى بىلەن تەمىنلىگەن مەكتەپلەرنىڭ ناھايىتى ئاز سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق. چۈنكى ھازىر مەملىكەت دائىرىسىدە مەكتەپ ئالمىشىش، باشقا يەردە ئوقۇش ناھايىتى نورمال ھېسابلىنىدىكەن، مەكتەپ ئوقۇتۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىنىڭ بار – يوقلۇقىغا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نەدە قاتنىشىدىغانلىقىغا مەسئۇل ئەمەسكەن. نىڭشيادىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق دېدى: نوپۇسنىمۇ، ئوقۇش تەۋەلىكىنىمۇ يالغاندىن ياسىۋالغىلى بولىدۇ. قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىپ، ئارخىپنى ئۆزگەرتىشى تەس ئەمەس. ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ھەق ئوخشىمايدۇ، مەكتەپ ئادەتتە شۇ يەردىكى ئۆلچەم بويىچە ئوقۇپ تۇرۇش پۇلى، مەكتەپ تاللاش پۇلى قاتارلىقلارنىلا ئالسا بولىدۇ، ئەمما باشقا يەڭ ئىچىدىكى سودىلاردىنمۇ خالىي بولغىلى بولمايدۇ.
ئادۋوكات گاۋ خۇڭدۇ مۇنداق دېدى: مەكتەپلەر ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››نىڭ مەنپەئەت زەنجىرىدىكى ئەڭ بىخەتەر ھالقىلارنىڭ بىرى. ئۇ قانۇنىي مەسىلىگە چېتىلمايدۇ، پەقەت مەنپەئەتتىنلا بەھرىمەن بولىدۇ، ئاسانلىقچە جازاغا تارتىلمايدۇ.
مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، مائارىپ ئادىللىقىنى قايتۇرۇپ كېلەيلى
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يەنچى ناھىيىسىدىكى بىر پۇقراۋى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ماۋلىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››نىڭ خەتىرىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەمما ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››كە زەربە بېرىشتە يەنە كۈچىمەي بولمايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››نى چەكلەشتە ئالاقىدار مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈۋېتىش زۆرۈر، ئالاقىدار كىشىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنى توسۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرمەسلىك كېرەك.
بەزى ئاتا – ئانىلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەلۇم جايدا ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى›› تەكشۈرۈپ چىقىلغاندا، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى، ياكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنىلا ئاڭلايمىز، ئەمما ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››گە شارائىت يارىتىپ بەرگەن ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەر ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىمايدۇ.
ئادۋوكات گاۋ خۇڭدۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىكى››گە چېتىلىدىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش زۆرۈر، ئالاقىدار كىشىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نوپۇس، ئوقۇش تەۋەلىكىنى بېجىرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەم ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنى بۇ ئىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، پايدا ئېلىشنى خالىمايدىغان، پايدا ئالالمايدىغان قىلىۋېتىش كېرەك.
|