باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
‹‹مائارىپGDP››سىغىلا بېرىلىپ كېتىشتىن خالىي بولايلى
2008- 08- 06 11:19 شىنجاڭ گېزىتى

   يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى رەتكە تۇرغۇزغان ئۈچ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە ئون مەكتەپنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلدى. بۇ جايلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا سەل قارىشىدىكى سەۋەب ئۇلار مائارىپنى جايلار ئىلگىرى GDPنى تۇتقانغا ئوخشاش تۇتۇشتىن خالىي بولالمىغان.

   بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىش ئالدىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى رەتكە تۇرغۇزۇشنى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ياخشى بولغان ئورۇن ۋە شەخسنى ھەر قانداق شەكىلدە مۇكاپاتلاشنى قەتئىي چەكلىگەنىدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى 2007 – يىلىدىن باشلاپ ساپا مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆلكە بويىچە 11 مەكتەپنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆلچەملەشكەن مەكتەپ دېگەن نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، 17 مەكتەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەندى، ئىككى مەكتەپ مۇدىرى، ئىككى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىغا مەمۇرىي جازا بېرىلدى. شۇنداق بولسىمۇ، نۇرغۇن جايلار ۋە مەكتەپلەر يەنىلا ‹‹لاياقەتلىك›› بولالمىدى، بۇنىڭدىن ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ۋە ھەرىكەتنىڭ قانچىلىك جاھىل بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

   ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنىڭ تەسىرىنى سۇسلاشتۇرۇشنىڭ جايلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش نىسبىتى جەھەتتىكى بېسىمىنى ئازايتىشقا ياردىمى بار. بەزى جايلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا سەل قاراپ، يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى رەتكە تۇرغۇزۇشىدا ئاساسلىقى توغرا بولمىغان مائارىپ نەتىجە كۆز قارىشىنىڭ تەسىرى رول ئوينىغان. يېقىنقى يىللاردىن بويان، بەزى جايلاردىكى ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ تارماقلىرى ھەممە ئادەمنى تالانت ئىگىسى قىلىپ چىقىشنى نىشان قىلماستىن، بەلكى ئەليۇلئەلا ۋە يۇقىرى نومۇرنى شەرەپ دەپ بىلىپ، قاتلاممۇ – قاتلام مەكتەپ ئۆرلەش ئۆلچىمى تۈزۈپ، ئىمتىھان نومۇرىغا قاراپ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنى يولغا قويۇپ،  ئوقۇتۇشنىڭ ئىزچىل نومۇرنى ئاساس قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىمتىھان شامىلى بارغانسېرى ئەۋج ئالدى، ئوقۇتقۇچىلار چارچاپ كەتتى، ئوقۇغۇچىلار جاپادا قالدى.

   بىر جاي، بىر مەكتەپ، بىر مۇئەللىمنىڭ خىزمىتىنى ئىمتىھان نومۇرىنى ئۆلچەم قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكى دېمىسەكمۇ ھەممىگە چۈشىنىشلىك. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئادەم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكىنى ھەرگىزمۇ ئاشۇ جانسىز ئىمتىھان نومۇرى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بىر جاي، بىر مەكتەپ ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر قانچە ئەليۇلئەلانىڭ چىقىشى ھەرگىزمۇ مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ؛ ئەكسىچە، كەينىدە قېلىۋاتقان قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ يېتىشتۈرۈۋېلىنغانلىقى، قانچىلىك دەرس تەسىس قىلىنغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلگەن – بېرىلمىگەنلىكى ئوقۇتۇش نەتىجىسىنى ئۆلچەيدىغان تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ مۇھىم ئۆلچەم.

   ‹‹مائارىپ GDP››سىنىلا چىڭ تۇتۇش تەپەككۇرىنى ساپا مائارىپى يولىغا سېلىش بىر كۈندە ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى تەۋرەنمەي ئاخىرغىچە ئىجرا قىلىشتا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان مەكتەپلەرنى جازالاشتىن سىرت، يەنە ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان باھالاش سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ، جايلار ۋە مەكتەپلەرنى نومۇرغا تايىنىشتىن ئادەم تەربىيىلەشكە تايىنىشقا يۈزلىنىشكە يېتەكلەپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇشنى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. جايلار ۋە مەكتەپلەر قاچان نومۇر بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇشقا قىزىقمايدىغان بولغاندا، ساپا مائارىپى ئاندىن ئەمەلىيلىشىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ