|
يېقىندا دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا لوندوندېررى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوركېستىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقى ۋە ئۇ يەردىكى بالىلارغا ئىئانە، ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى؛ جۇڭگو ۋە ئامېرىكىلىق ياشلارنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ ئىستىقبالىنى تېخىمۇ پارلاق قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. جاۋاب خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
ئاندرۇ سۇزې ئەپەندى ۋە ئامېرىكا لوندوندېررى ئوتتۇرا مەكتىپى باس ئاھاڭ ئوركېستىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار زىيارەت ئۆمىكىدىكى ساۋاقداشلار:
مەن خېتىڭلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، قىزغىنلىقىڭلار ۋە ياخشى نىيىتىڭلاردىن تەسىرلەندىم. سىلەرنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن جايدىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورىغىنىڭلارغا ۋە ئۇ يەردىكى بالىلارغا چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئىئانە، ياردەم قىلغىنىڭلارغا رەھمەت.
سىلەرگە ئايان بولغىنىدەك، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىغا زامىن بولۇپ، ئىنتايىن ئېغىر زىيان سالدى. ھازىر جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى تەدرىجىي ئىشلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق يۇرت – ماكانىنى چوقۇم ناھايىتى تېزلا قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايدۇ.
سىلەر بۇ قېتىمقى سەپىرىڭلاردا يەنە بېيجىڭ ئو ت م گە ياخشى تىلەك بىلدۈردۈڭلار.
ياشلار دۆلەتنىڭ كېلەچىكى، دۇنيانىڭ كېلەچىكى، جۇڭگو ۋە ئامېرىكىلىق ياشلارنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. جۇڭگولۇق ۋە ئامېرىكىلىق ياش دوستلارنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ ئىستىقبالىنى تېخىمۇ پارلاق قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ساۋاقداشلارنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق، تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن ھەم ئوقۇتقۇچۇڭلار ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن!
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، بېيجىڭ
ئامېرىكا يېڭى خامپىشىر شتاتىدىكى لوندوندېررى مەكتىپىنىڭ باس ئاھاڭ ئوركېستىردىكى 345 ئوقۇغۇچى دىرىژور ئاندرۇ سۇزېنىڭ باشچىلىقىدا، 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە جۇڭگودا ئويۇن قويۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بېيجىڭ ئو ت م نى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئوركېستىردىكى ئوقۇغۇچىلار 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت ئەۋەتىپ، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە زىيان سالغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇردۇق بىز ئۇلاردىن ھال سورايمىز، دېدى ھەم ئاپەت رايونىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 2008 دوللار ئىئانە قىلدى. ئوقۇغۇچىلار خېتىدە: شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، دوستلۇق ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنىڭ چەك – چېگرىسى يوق. مەيلى ئامېرىكىلىق بولايلى، ياكى جۇڭگولۇق بولايلى، ھەممىمىز كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى. بىز قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق دۇنيايىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە پارلاق كېلەچەك يارىتايلى، دېدى. ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|