|
بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى سېربلارنىڭ 13 يىل قېچىپ يۈرگەن سابىق داھىيسى كارادىچ 30 – ئىيۇل ب د ت نىڭ گائاگادىكى سابىق يوگۇسلاۋىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى خەلقئارا سوتىغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كارادىچنىڭ گائاگاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ‹‹زور غەلىبە››، دېدى. گېرمانىيە ‹‹فرانكفورت مەلۇماتلىرى›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە : 1995 – يىلىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق ۋەقەسى ياۋروپالىقلارنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بولغانىدى، ئەمدى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدىغان بولدى، دېيىلدى. ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىسى: بۇ، سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپاغا سۇنغان كاتتا سىياسىي سوۋغىسى. چۈنكى، كارادىچنى قولغا ئېلىش ھەم ئۆتكۈزۈپ بېرىشياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سېربىيىنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشتا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى ئىدى، دەپ قارىدى. گېرمانىيە ‹‹كۈندىلىك خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە: بۇ سېربىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹سودىسى››، غەرب ‹‹سىياسىي دۈشمەنلىرى››نى ‹‹قانۇن قورالى›› بىلەن تازىلاۋاتىدۇ، دېيىلدى.
گېرمانىيە ئاخبارات ئىستانسىسى كارادىچنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا 30 – ئىيۇل ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى قانۇن مۇتەخەسسىسىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: 63 ياشلىق كارادىچ 11 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى، جىنايىتى بېكىتىلسە، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بىراق، سوت ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدۇ.
روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تورىدا مۇنداق دېيىلدى: روسىيە دۆلەت دۇماسى كارادىچ خەلقئارا سوتقا تارتىلغان ئىكەن، يوگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مىلوشېۋىچنىڭ قىسمىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ، دەپ قارىدى. مىلوشېۋىچنىڭ 2006 – يىلى 3 – ئايدا گائاگا تۈرمىسىدە يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى بىلەن قازا قىلغانلىقى بايقالغان. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە: كارادىچ ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئاقلايمەن، دېدى، دېيىلدى. تەرتىپ بويىچە، ئۇ نەچچە كۈندىن كېيىن سوتقا چىقىپ، سوتنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلايدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
|