|
روسىيە ‹‹مۇستەقىللىق›› گېزىتىنىڭ 22 – ئىيۇلدىكى ماقالىسى، ئەسلى تېمىسى: ئادەتتىكى چېگرا ئايرىش ئەمەس
جۇڭگو بىلەن روسىيە چېگرىسىنى قانۇنىي شەكىل ئارقىلىق بېكىتتى. روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لارىن: بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ كېڭىشىشى ئاساسىدا ھاسىل قىلىندى، سۆھبەت ئۆتكۈزگۈچىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى تولۇق ئويلاشتى، دېدى.
روسىيە ‹‹كومسومول ھەقىقىتى›› گېزىتىنىڭ 22 – ئىيۇلدىكى ماقالىسى.
جۇڭگو بىلەن روسىيىنىڭ چېگرا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ھەققىدە، ‹‹يان تەرەپ›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مىلېئانكىيېۋ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقىمىزدا ئىختىلاپ مەۋجۇت ئەمەس. بۇ، روسىيىنىڭ ھازىرقى تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمى. جۇڭگو دۇنيادا ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت، جۇڭگو بىلەن زېمىن ماجىراسى مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىساق، ئىككى تەرەپلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قانداق ئورناتقىلى بولىدۇ؟
روسىيە ‹‹ ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ 21 – ئىيۇلدىكى ماقالىسى.
بۇ، روسىيىنىڭ ئو ت م دىن ئىلگىرى جۇڭگوغا تەقدىم قىلغان ئەڭ ئۆزگىچە سوۋغىسى بولدى. بۇ زېمىنلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش روسىيىگە چوڭ زىيان كەلتۈرمەيدۇ، چۈنكى، ئارالدا ئاھالە ناھايىتى ئاز. زېمىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ھەمكارلىقىنى يېڭى دەۋرگە باشلايدۇ.
روسىيە ‹‹گېزىت›› گېزىتىنىڭ 22 – ئىيۇلدىكى ماقالىسى، ئەسلى تېمىسى: جۇڭگو بىلەن روسىيە زېمىن تالاش – تارتىشىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلدى
روسىيە ئىستراتېگىيىلىك باھالاش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى كونوۋالېۋ: بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى روسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق، دېدى. روسىيە دۆلەت دۇماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوساچېۋ: بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىن تالاش – تارتىشى تۈپەيلىدىن توقۇنۇشۇپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىشقا، شۇنداقلا يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق، دېدى. روسىيە دۇماسىنىڭ ۋەكىلى ئىششېنكو مۇنداق دېدى: زېمىننى ئۆتكۈزۈپ بېرىش روسىيە ئىقتىسادىغا ۋاقتىنچە زىيان كەلتۈرسىمۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق روسىيىگە زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. روسىيە ئېنېرگىيە تارماقلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئېلىپ كېلىدىغان پايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
روسىيە ‹‹موسكۋا ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 22 – ئىيۇلدىكى ماقالىسى، ئەسلى تېمىسى: روسىيە ئارالنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەردى
پۇتىن زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، روسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى ياخشىلاندى، ئىككى دۆلەت ئورتاق دىپلوماتىيە سىياسىتى نىشانىغا ئىگە بولدى، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىنى ئورتاق چەكلىدى. جۇڭگو روسىيە قوراللىرىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغۇچى دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە روسىيە تەبىئىي گازىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور خېرىدارى.
بۇنداق قىلىش روسىيىگە نىسبەتەن ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قوشنا دۆلەتكە تايانغاندىلا، شەرقىي قىسىمدىكى چېگرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
|