|
بۇ يىلقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى سايلىمىدا مەغلۇپ بولغان ھىلارىنىڭ ‹‹еCom 2012. ھىلارى››دېگەن دائىرە نامىنى مەخپىي سېتىۋالغانلىقى يېقىندا پاش قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھىلارى 2012 – يىلى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا يەنە بىر قېتىم قاتنىشارمۇ؟ دەپ پەرەز قىلىشتى.
ئامېرىكا ‹‹لوس – ئانژېلىس ۋاقىت گېزىتى›› قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىلارى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن چېكىنىمەن ھەم ئوبامانى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن، دېگەندە، ئۇنىڭ سايلام گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار بىر شىركەت 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ‹‹еCom 2012. ھىلارى›› دېگەن دائىرە نامىنى سېتىۋالغان.
بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ‹‹еCom 2012. ھىلارى›› دېگەن دائىرە نامىنى سېتىۋالغانلار ھىلارىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى گۇرۇپپىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ماركۇم گۇرۇھى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ‹‹еCom 2012. ھىلارى››دېگەن دائىرە نامىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بولۇپ، بىرى، ھىلارى تۆت يىلدىن كېيىن، نيۇ – يورك شتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى سايلىمىغا يەنە بىر قېتىم قاتنىشىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، ھىلارى ئاقسارايغا قايتىدىن ئاتلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھىلارى 2012 – يىلى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سايلىمى ياكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا يەنە بىر قاتنىشىشتەك تاللاشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھىلارىنىڭ ئىلگىرىكى سايلام تور بېكىتى ‹‹еcomھىلارى كلىنتون›› دېگەن نامدا بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنىلا ئىشلەتكەن، بۇ كىشىلەرنىڭ يېقىندا ھىلارى بىلەن كلىنتوننىڭ ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغانلىقىغا ئائىت سۆز – چۆچەكلىرىگە بولغان گۇمانىنى قوزغاپ قويدى. ئامېرىكا ‹‹يەر شارى›› ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ھىلارىنىڭ سايلام ئەھۋالىدا كرىزىس يۈز بەرگەندە، ھىلارى ئېرى بىلەن ‹‹ئاجرىشىش كېلىشىمى››نى يوشۇرۇنچە ئىمزالىغان، كېلىشمىدە، ھىلارىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قازىنىش ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلانسىلا، ئۇلارنىڭ دەرھال ئاجرىشىدىغانلىقى ئېنىق ئېيتىلغان. بەزى تەھلىلچىلەر كلىنتون بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش تۈگۈل، ئەكسىچە پۇتلىكاشاڭ بولدى، شۇڭا، ھىلارى مۇبادا 2012 – يىلى ئاقسارايغا يەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلماقچى بولسا، كلىنتوندىن بالدۇرراق قول ئۈزگىنى تۈزۈك، دەپ قارىدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|