باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئەنخۇيدىكى تەيفېڭ بورىنى، قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە توققۇز كىشى قازا قىلدى
2008- 08- 06 10:53 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 4 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش – ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹سۇمۇرغ›› ناملىق تەيفېڭ بورىنى، قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغىچە توققۇز كىشى قازا قىلغان. ھازىر كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ.

   خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ تولۇقسىز ستاتىستىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 4 – ئاۋغۇست سائەت 11 گىچە ئەنخۇي شەھىرىدىكى 38 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشى 2 مىليون 568 مىڭ 700 بولۇپ، ئاپەتتە توققۇز كىشى ئۆلگەن، 91 مىڭ 330 كىشى جىددىي يۆتكىۋېتىلگەن ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ 199.13 كىلوگېكتار يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 43 كىلوگېكتار يەردىكى زىرائەت نابۇت بولغان؛ 8667 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 38 مىڭ 300 ئېغىز ئۆي ۋەيران بولغان. چۇجۇ شەھىرىنىڭ چۈەنجياۋ، لەيئەن ناھىيىلىرى، نەنچياۋ رايونى ۋە چاۋخۇ شەھىرىنىڭ خەنشەن، خېشيەن ناھىيىلىرىدە ئاپەت ئەھۋالى خېلى ئېغىر ئىكەن.  تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر بولغان ناھىيە، رايونلارغا ھازىر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغىدىن 2 مىليون 650 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئاپەت رايونىغا ئۇن، گۈرۈچ، تەييار يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ، كۆمۈر شۇنداقلا باشقا قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرى تارقىتىلغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ